Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 41:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 رەھىمسىز دۈشمەنلىرىم قارغار مېنى: «تېزراق ئۆلۈپ ئۇ، ئۆچسۇن نامى.»

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 41:5
13 Referans Kwoze  

ھەققانىيلار مۇبارەك ئەسلىمىلەر قالدۇرار. يامانلارنىڭ نامى تېزلا ئۇنتۇلۇپ قالار.


كۈنبويى مەسخىرە قىلار مېنى دۈشمەنلىرىم، ھاقارەتلىك سۆزگە يانداش بولۇپ قالدى مېنىڭ ئىسمىم.


تۇزاق قۇرار جېنىمغا قەست قىلماقچى بولغانلار، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلماق ئۈچۈن مەسلىھەت قۇرار. ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ئويلار كۈنبويى ئۇلار.


ئۇ خۇددى ئۆزىنىڭ پوقىدەك مەڭگۈ يوقىلىدۇ. ئۇنى تونۇغانلار: ‹ئۇ نەگە كەتتى؟› دەپ سورايدۇ.


ئۇلار دۇنيادىن نام-نىشانسىز غايىب بولىدۇ، ئىسمى ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ.


بەرھەق، مېنىڭ ئىقرارىم بار قىلمىشىمغا، گۇناھلىرىم تۇرار دائىم كۆز ئالدىمدا.


سەن ئىستەيسەن قەلبىمنىڭ پاكلىقىنى، سالغىن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا دانالىقىڭنى.


رەقىبلىرىم زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. تەكەببۇرلىشىپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى، ماڭا قارشى جەڭگى-جېدەل چىقارماقتا.


نىدا قىلارمەن خۇداغا _ ئۇلۇغ بولغۇچىغا، مەن ھەققىدىكى ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغۇچىغا.


ئالەم ئارا مەلۇم بولغاي سېنىڭ يولۇڭ، بارچە ئەللەر ئارىسىدا نىجاتلىقىڭ.


ئى رەببىم، ئىلتىپات ئەيلىگىن ماڭا، قىلماقتىمەن كۈنبويى ئىلتىجا ساڭا.


ھالىمغا باق، ماڭا شەپقەت ئەيلىگىن، مەندەك قۇلۇڭغا كۈچ-مادار ئاتا قىلغىن، پېقىر قۇلۇڭنى مۇشەققەتتىن قۇتقۇزغىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite