12 دىيانەتلىك بولغىنىم ئۈچۈن يۆلەك بولىسەن ماڭا، مەڭگۈ تۇرغۇزىسەن مېنى ھۇزۇرۇڭدا.
ئۇ داۋاملىق ھەققانىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ھۆكۈمرانلار قاتارىدا ئېسىل ئورۇنلاردا ئولتۇرغۇزۇپ، مەڭگۈ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ.
سۇندۇرۇلىدۇ رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى، پەرۋەردىگار يۆلەپ تۇرار ھەققانىيلارنى.
ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن، مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقتۇر.
بىردىنبىر تايانچىم بىلدىم سېنى، ئوڭ قولۇڭ يۆلەر مېنى.
پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا، جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا.
دىيانەتلىك، دۇرۇسلۇق قوغدىغاي مېنى، چۈنكى، ساڭا باغلىدىم ئۈمىدىمنى.
ئى پەرۋەردىگار، تېيىلىپ كېتەي دېگىنىمدە، يۆلىدىڭ مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە.
ھەققانىيلىقىم بىلەن يۈزۈڭنى كۆرەرمەن، ئويغانغىنىمدا دىدارىڭغا قانارمەن.
كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا، خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا، مەڭگۈلۈك شادلىق باردۇر ئوڭ قولۇڭدا.
ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، نالە قىلسام ساڭا، شىپالىق بەردىڭ ماڭا.