Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 40:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 پەرۋەردىگار ئاتا قىلدى ماڭا يېڭى بىر كۈينى، ئىگىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتنى. نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇدرىتىنى، پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلاپ ھۆرمەتلەر ئۇنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 40:3
18 Referans Kwoze  

يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار بېغىشلاپ خۇداغا، شادلىق بىلەن ياڭرىسۇن ئاۋازىڭلار، چېكىڭلار تارىنى يەتكۈزۈپ ۋايىغا.


بۇنى كۆرۈپ ھەققانىيلار ھاڭ-تاڭ قالار، ئۇ نوچىنى مۇنداق دەپ زاڭلىق قىلار:


ھېلىقى 000،144 كىشى تەختنىڭ، تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ناخشا ئېيتىشتى. بۇ ناخشىنى گۇناھلىرىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدى.


ئى خۇدا، ساڭا ئاتاپ ئېيتاي يېڭى ناخشا، كۈيلەي سېنى ئون تارلىق چىلتاردا.


گۇناھسىزلىقىمدىن خۇش بولىدىغانلار، چۇقان سالسۇن چۆمۈپ شادلىققا. «قۇلىنىڭ ئامانلىقىدىن سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن ئۇلار ھەر چاغدا.


شۈكۈر ئېيتماق ئۈچۈن سېنىڭ نامىڭغا، ئۆزۈڭ مېنى چىقارغايسەن زىنداندىن. ھەققانىيلار شۇندىلا ئولىشىدۇ ئەتراپىمغا، چۈنكى زور مېھرىبانلىققا ئېرىشىمەن سېنىڭدىن.


لېكىن، ئەلچىلەرنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىدىغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى.


شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.


ئېغىر كۈنلەر كەلگىنىدە بېشىمغا، ئالار ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا. چىقىرىپ مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز جايغا، يوشۇرۇپ قۇيار مۇقەددەس چېدىرىغا.


خۇرسەن بولسا بىر ئادەمدىن پەرۋەردىگار، ئۇ ئۇنىڭ قەدەملىرىنى مەزمۇت قىلار.


پەرياد چېكىپ ھالىم كەتتى، گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى، تەلمۈرۈپ خۇدايىمغا كۆزۈمنىڭ نۇرى كەتتى.


ۋەدەڭ بار مەزمۇت قىلماقلىققا قەدىمىمنى، ماڭا خوجا قىلىپ قويما ھېچبىر گۇناھنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite