8 ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان، چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن.
ياتقاندا ھېچنېمىدىن قورقمايسەن، يېتىپلا تاتلىق ئۇخلايسەن.
ساقلىغاچ مېنى خۇدا ئۆز پاناھىدا، ياتسام كېتىمەن بەخىرامان ئۇيقۇغا، تىنچ-ئامان ئويغىنىمەن يەنە تاڭدا.
ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇ قايتا كەلگەندە، بىز مەيلى ھايات ياكى ئۆلگەن بولايلى، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈندۇر.
لېكىن سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلغان زېمىندا ئولتۇراقلىشىسىلەر. پەرۋەردىگار چېگرايىڭلارنى ئامان قىلىپ، سىلەرنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ.
خامان تېپىش مەزگىلى ئۈزۈم يىغىش مەزگىلىگىچە، ئۈزۈم يىغىش مەزگىلى ئۇرۇق چېچىش مەزگىلىگىچە داۋاملىشىدۇ. يېمەك-ئىچمىكىڭلار مول بولىدۇ، زېمىنىڭلاردا خاتىرجەم ياشايسىلەر.
مەن ئۇ كۈن كەلگەندە ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلار ساڭا چېقىلمايدۇ. زېمىندىكى ئوقيا، قىلىچلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۇرۇشلارنى يوقىتىمەن، سەن تىنچ، بىخەتەر ياشايسەن.
مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «بۇ سۆزنى ياز: ˜بۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلگەنلەر نەقەدەر بەختلىك!Œ» مۇقەددەس روھ: «دۇرۇس، ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئارام ئالىدۇ. چۈنكى، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ» دېدى.
مەن ئۇلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىسى تۈزۈپ، بۇ زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يوقىتىمەن. شۇندىلا ئۇلار دالالاردا بىخەتەر ياشايدۇ، ئورمانلاردا تىنچ-ئامان ئۇخلايدۇ.
كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا، خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا، مەڭگۈلۈك شادلىق باردۇر ئوڭ قولۇڭدا.
قاراڭغۇلۇقتا يۈرگەنلەر پارلاق يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتە ياشىغانلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ.