6 سورايدۇ نۇرغۇن كىشىلەر: ياخشىلىق قىلار كىم بىزگە؟ ئېھ پەرۋەردىگار، چۈشۈرگىن جامالىڭنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە.
ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.
پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆز دىدارىنى كۆرسەتكەي ۋە سىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلغاي!›»
جامالىڭنىڭ نۇرىنى چېچىپ ماڭا، پەرمانلىرىڭنى ئۆگەتكىن مەن قۇلۇڭغا.
ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.
تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار، ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار.
بىزنى بەختلىك قىلغايسەن خۇدا، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ بىزگە، دىدارىڭنىڭ جىلۋىلىرىنى، چېچىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە. سېلاھ
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن.
ئالغان ئەمەس ئۇلار زېمىنىنى شەمشىرى بىلەن، غەلىبىگە ئېرىشكىنى يوق ئۆز بىلىكى بىلەن. بەلكى ئۇلارنىڭ غالىب كېلىشى سەن خۇدادىن، ئوڭ قولۇڭ، قۇدرىتىڭ، چېھرىڭنىڭ نۇرىدىن، چۈنكى سۆيۈندۈڭ سەن ئۇلاردىن.
سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.
مەڭگۈلۈك بەرىكەت ئاتا قىلىپ ئۇنىڭغا، ھۇزۇرۇڭدا چۆمدۈرىسەن ئۇنى شادلىققا.
بەزىلەر: «بۈگۈن ياكى ئەتە پالان شەھەرگە بارىمىز. ئۇ يەردە بىر يىل تۇرىمىز، تىجارەت قىلىپ، كۆپ پۇل تاپىمىز» دەيدۇ. بۇنداق دەيدىغانلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار،
ئۇ يەنە ئۆز-ئۆزىگە: «ۋاي-ۋۇي، سەن نېمىدېگەن بەختلىك ئادەم! كۆپ يىل يەتكۈدەك مال-مۈلكۈڭ بار. يەپ-ئىچىپ، تۇرمۇشۇڭنى خۇشال-خۇرام، راھەت ئۆتكۈزمەمسەن؟!» دەپتۇ.
نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.
ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.
ئۇلار خەلقنى تاغقا چىقىشقا چاقىرىپ، ئۇ يەردە دۇرۇس بولغان قۇربانلىقلارنى قىلىدۇ. ئۇلار دېڭىزدىن بايلىق، قۇملۇقتىن گۆھەر ئالىدۇ.»
ئۇ كۈمۈشنى تاۋلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش لاۋىيلارنىمۇ تاۋلاپ، ئالتۇن-كۈمۈشتەك پاكلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا مەن قوبۇل قىلالايدىغان ھەدىيەلەرنى سۇنالايدۇ.