Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار! جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا، بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 4:4
17 Referans Kwoze  

ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن.


ئۇ كېچىلەر، ئېيتقان مۇناجاتلىرىم بىلەن تولغانىدى، ئۇلارنى ئويلاپ، كۆڭلۈمدە شۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى:


ئۆزۈڭنى ئەقىللىق دەپ سانىما، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىققا يولىما.


دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»


ئېتىقادىڭلارنىڭ ھەقىقىي ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈڭلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار، سىناپ بېقىڭلار. ئەيسا مەسىھنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ سىلەرنىڭ سىناقتىن ئۆتەلمىگىنىڭلار بولمامدۇ؟!


ئەيمەنسۇن پەرۋەردىگاردىن جىمى مەخلۇقاتلار، قورقسۇن ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار.


خۇدا ئىنسانلارغا شۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك دانالىقتۇر، رەزىللىكتىن يىراق تۇرۇش ئەقىل-پاراسەتتۇر.»


ئۆزگەرمەس مۇھەببەت بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنار، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار.


پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىدۇر، پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا جىم تۇرسۇن.»


توغرا ئادەمنىڭ داغدام يولى يامانلىقتىن يىراقتۇر، يولىغا ئېھتىيات قىلىشنىڭ ئۆزى جېنىنى ساقلاپ قېلىشتۇر.


سەۋەبسىزلا زىيانكەشلىك قىلسىمۇ ھۆكۈمدارلار، قەلبىم پەقەت كالامىڭدىن قورقۇپ تۇرار.


پەرياد قىلغانىدىم يۇقىرى ئاۋازدا پەرۋەردىگارغا، ئۇ جاۋاب بەردى مۇقەددەس سىئون تېغىدىن ماڭا. سېلاھ


پەرۋەردىگارغا ئەيمىنىپ ئىتائەت قىلىڭلار، شادلىنىڭلار ھەم خۇدادىن قورقۇڭلار.


مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: سىلەر نېمە ئۈچۈن مەندىن قورقمايسىلەر؟ مېنىڭ ئالدىمدا نېمىشقا تىترىمەيسىلەر؟ مەن دېڭىزغا پاسىل قىلىپ قۇملۇق ساھىلىنى بەرپا قىلدىم، دېڭىز-ئوكيانلار بۇ پاسىلدىن ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ. دېڭىز دولقۇنلىشى مۇمكىن، لېكىن سۇلار ھەرگىز تېشىپ كېتەلمەيدۇ، شاۋقۇن چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەرگىز پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.


دېيىشەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈستۈمدىن: «يوقتۇر ئۇنىڭغا نىجاتلىق خۇدادىن.» سېلاھ


ئى ئىگەم، ئىلتىجا قىلدىم ساڭا، جاۋاب بەرگەچكە سەن ماڭا. بېرىپ ماڭا دىققىتىڭنى، تىڭشىغىن سۆزلىرىمنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite