Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 39:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 39:6
31 Referans Kwoze  

خۇدا دانالىقنى، بىلىم ۋە خۇشاللىقنى ئۆزىنى خۇشال قىلغان ئادىمىگە ئاتا قىلىدۇ. لېكىن گۇناھكارلارغا مال-دۇنيا توپلايدىغان جاپالىق ئىش بېرىپ، ئۇلارنىڭ توپلىغان مال-دۇنيالىرىنى، خۇدا ئۆزىنى خۇشال قىلغانلارغا ئېلىپ بېرىدۇ. گۇناھكارلارنىڭ بۇ ئىشى خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ.


بۇ دۇنيا بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارمۇ بايلىققا بېرىلىپ كەتمىسۇن. چۈنكى، بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچىدۇر.


ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، مانا بۇلار ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي مەنە بېرىدۇ.


ئۇلارنىڭ تىجارىتىنىڭ ساغلام بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، توپلىغان بايلىقلىرى يوقىلىپ، ئاخىردا بالىلىرىغا مىراس قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى قالمايدۇ.


بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ.


شۇنداق ئىكەن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئۈچۈن باش قاتۇرماڭلار. ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەڭلار


نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.


«بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى.


ھەددى-ھېسابسىز ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى توپلىدىم، پادىشاھ ۋە بەگلىكلەردىن بايلىقلارغا ئىگە بولدۇم. يېنىمغا ئەر-ئايال ناخشىچىلارنى يىغدىم، خۇشاللىقىم ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن توقاللارنى ئالدىم.


ئىنساننىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.


ياخشى ئادەم مىراس قالدۇرار ئەۋلادلىرىغا، گۇناھكارلارنىڭ مال-دۇنيالىرى قالار ھەققانىيلارغا.


بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار.


خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «پۈتكۈل ئىنسان گۈل-گىياھقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ شان-شەرىپى غازاڭ بولىدىغان چېچەككە ئوخشايدۇ. گىياھلار قۇرۇپ، گۈللەر سولىشىپ ئۆلىدۇ،


ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا ھامان دات باسىدۇ. بۇ دات قىيامەت كۈنىدە شەخسىيەتچىلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ، دوزاختا كۆيۈشۈڭلارغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، سىلەر بۇ ئاخىر زاماندا بايلىق توپلاش بىلەنلا بولۇپ كېتىۋاتىسىلەر.


چۈنكى بايلىق مەڭگۈلۈك بولماس، قالماس تاجمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس.


كۆزۈڭ بايلىققا چۈشكەندە ئۇ يوقىلار، چۈنكى ئۇ بىردىنلا قانات چىقىرپ، بۈركۈتتەك ئۇچۇپ كېتەر.


ئى خۇدا، ھاياتىمنىڭ پەقەت بىر تىنىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىغىن، كۆزلىرىم ئەمدى بەختنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.


جېنىمدىن جاق تويدۇم، داۋاملىق ياشاشقا رايىم يوق. كۈنلىرىم نەپەستەك قىسقا بولسا، مېنى ئۆز ئىختىيارىمغا قوي.


«ئىنسان ئاياللاردىن تۇغۇلىدىغان بولۇپ، ھاياتى قىسقا، مۈشكۈل بولار.


قايسى ئىنسان ياشاپ ئۆلۈم كۆرمەيدىكەن؟ گۆردىن ئۆز جېنىنى ئامان ساقلاپ قالىدىكەن؟ سېلاھ


ئوخشار ئىنسان ھاياتى گويا كېتىۋاتقان سايىغا، ئوخشار ئۇنىڭ ئۆمرى بەئەينى بىر تىنىققا.


ھەرقانداق ئىشتىن بىئارام بولما، ئازابلانما، چۈنكى ياشلىق ئۇزۇن تۇرمايدۇ، ئۇ بىھۇدىدۇر.


مانا شۇنچىلىك كىچىك ئىشنىمۇ قىلالمىساڭلار، باشقا ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite