Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 39:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 بىلىمەن، قىلغانسەن ئۆمرۈمنى نەچچە غېرىچلا، ئۇزۇن ئەمەستۇر ھايات يولۇم سېنىڭ ئالدىڭدا، بىرلا تىنىقتۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى پەقەتلا. سېلاھ

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 39:5
17 Referans Kwoze  

ئوخشار ئىنسان ھاياتى گويا كېتىۋاتقان سايىغا، ئوخشار ئۇنىڭ ئۆمرى بەئەينى بىر تىنىققا.


ئەستە تۇتقىن ئى خۇدا، ئۆمرۈمنىڭ قىسقىلىقىنى، نېمىدېگەن بىھۇدىلىكتۇر ئىنساننىڭ ھاياتى.


ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر، شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر. كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار، چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.


ئەمما كېيىن بىلسەم، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلەپ تارتقان بارلىق جاپالىرىم بىھۇدە ئىكەن، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئادەم ھېچقانداق پايدا تاپالمايدىكەن.


ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ.


گۇناھلىرىنى ئەيىبلەپ، جازالىغاندا سەن ئىنساننى، كۈيە چۈشكەندەك يوق قىلىسەن قەدىرلىگەنلىرىنى. بىر تىنىقتۇر خالاس ئىنساننىڭ ئۆمرى. سېلاھ


كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ تېز ئۆتمەكتە ھەم ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلاشماقتا.


يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇپقۇرۇق بىر بوشلۇقتىن ئىبارەت.


«بىھۇدىدۇر، بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى.


ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ مەن بۇ دۇنيادا 130 يىل ياشىدىم، ھاياتىم مۇساپىرچىلىق ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتتى. مەن تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېشىغا يەتمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، رەببىمىز ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا، ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر كۈن مىڭ يىلدەك، مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر.


لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا: _ سىلى بىلەن يېرۇسالېمغا بارغۇدەك يەنە قانچىلىك ئۆمرۈم قالدى دەيلا؟


ئۆمۈر قىسقا، قەدىرلەشنى ئۆگەتكىن بىزگە، شۇ ئۆمۈرنىڭ ساۋاقلىرى ئورنىسۇن قەلبىمىزگە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite