4 «ئى پەرۋەردىگار، چۈشىنەي ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى، كۈنلىرىمنىڭ ساناقلىق قالغانلىقىنى. بىلىپ قالاي ئۆمۈرنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى.»
ئۆمۈر قىسقا، قەدىرلەشنى ئۆگەتكىن بىزگە، شۇ ئۆمۈرنىڭ ساۋاقلىرى ئورنىسۇن قەلبىمىزگە.
شۇنداق، ئۇ بىلەر بىزنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىمىزنى، ئېسىگە ئالار ئۇ بىزنىڭ تۇپراق ئىكەنلىكىمىزنى.
قاچانغىچە كۈتكۈزەرسەن مەن قۇلۇڭنى، قاچانلىققا جازالارسەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى؟
ئى خۇدا، مېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا يوشۇرۇپ قويساڭ، غەزىپىڭ بېسىلغۇچە مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ، مەن ئۈچۈن بىر ۋاقىت بەلگىلەپ، كېيىن مېنى ئېسىڭگە ئالساڭ!