11 گۇناھلىرىنى ئەيىبلەپ، جازالىغاندا سەن ئىنساننى، كۈيە چۈشكەندەك يوق قىلىسەن قەدىرلىگەنلىرىنى. بىر تىنىقتۇر خالاس ئىنساننىڭ ئۆمرى. سېلاھ
بەدەنلىرىم خۇددى پورلاشقان ياغاچتەك، كۈيە چۈشكەن كىيىمدەك بولۇپ يوقايدۇ.»
مانا، ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا مەدەت بەرمەكتە، قېنى، كىم مېنى گۇناھكار دەپ ئېيتالايدۇ؟ قاراڭلار، ئۇلار خۇددى كىيىدىغان كىيىمدەك كونىرايدۇ، ئۇلارنى كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ.
مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزغىن بولۇپ، گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل.
چۈنكى، پەرۋەردىگار سۆيگەنلىرىگە تەربىيە بېرىدۇ، پەرزەنتىم دەپ قوبۇل قىلغانلارنى چىۋىقلايدۇ.»
ئۇ ئادەمنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇرۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ يامان يولدىن يېنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلۇپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى قۇتقۇزۇلسۇن.
ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن خۇدا ئۇنى ئەيىبلىدى. خۇدا ئۇنىڭ ئېشىكىنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بۇ «پەيغەمبەر»~نىڭ قىلماقچى بولغان ئەخمەقلەرچە ئىشىنى توسىدى.
مەن ئىسرائىلىيەنى كۈيە چۈشكەن كىيىمگە، يەھۇدىيەنى پور ياغاچقا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.
قارايغان تېرىلىرىم تۆكۈلمەكتە، ئۇستىخانلىرىم ئوت بولۇپ كۆيمەكتە.
شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ لايدىن ياسالغان، توپىدىن يارىتىلغان، ھەتتا كۈيىدەك ئاجىز ئادەمگە قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟
ئەگەر ئۇ مەندىن جازا تايىقىنى يىراق قىلغان بولسا، مېنى ۋەھىمىگە سالمىسا،