Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 39:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىم مەن مۇنداق: «قالماسلىقىم ئۈچۈن بولۇپ گۇناھكار، تارتاي تىلىمنى، رەزىللەرنىڭ ئالدىدا تىكىپ قوياي ئېغىزىمنى.»

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 39:1
21 Referans Kwoze  

ئۆز ئاغزىغا ئىگە بولغان كىشى، ساقلاپ قالار بالادىن ئۆزىنى.


پەرۋەردىگار، بىر كۆزەتچى تۇرغۇزغىن ئاغزىمغا، پوستا تۇرسۇن ئۇ لەۋلىرىم دەرۋازىسى ئالدىدا.


ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر.


ياش يىگىت قانداق قىلىپ پاك يولدا ماڭالار؟ ئۇ پەقەت كالامىڭغا ئەمەل قىلغاندا بولار.


تارتسۇن تىلىنى يامان سۆزدىن، چىقمىسۇن يالغان سۆزلەر لەۋلىرىدىن.


شۇڭا، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.


ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدە بولار، ئۇنى سۆيگەن ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ھوسۇل ئالار.


شۇندىلا پەرۋەردىگار: «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مېنىڭ يولۇمدىن ئاداشماي، ماڭا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سادىق بولسا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈڭلار.


ئارام تاپار جېنىم پەقەت خۇدادىن، نىجاتلىقمۇ ماڭا پەقەت كېلەر ئۇنىڭدىن.


_ سەن خۇددى نادان خوتۇنلاردەك گەپ قىلدىڭ. ئەجەبا بىز خۇدانىڭ بەختىگىلا ئېرىشىپ، بالا-قازاسىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەكمىدى؟ _ دېدى ئايۇپ ئايالىغا. ئايۇپ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولغان بولسىمۇ، لېكىن خۇداغا قارشى گەپ قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى.


كۆتۈرىمەن خۇداغا پەريادىمنى، مۇقەررەر ئاڭلار ئۇ مېنىڭ زارىمنى.


لېكىن يېھۇ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن بويسۇنمىدى. ئۇ ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىنى داۋاملاشتۇردى.


شۇڭا مۇشۇنداق رەزىل زامانلاردا، ئەقىللىق ئادەملەر سۈكۈتتە تۇرىدۇ.


ئۇلار بىلەن بىرگە بولغانلاردىن يەنە ھېمان، يىدۇتۇن ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئالاھىدە تاللانغانلار بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدى. چۈنكى «پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر».


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite