8 تۇمشۇقۇمغا كېلىپ قالدى جېنىم مېنىڭ، ھەسرەتتىن پەرياد قىلار قەلبىم مېنىڭ.
ئىقرار بولماي گۇناھلىرىمغا، يۈردۈم كۈنبويى ئاھ ئۇرۇپ، چىرىدى ئۇستىخانلىرىم ئازابتا.
ئاش يېيىشنىڭ ئورنىغا ئۇھ تارتىمەن، پەريادلىرىم سۇدەك ئاقماقتا.
قۇياشنىڭ نۇرى بولمىغان زۇلمەتتە يۈرۈپتىمەن، جامائەتنىڭ ئارىسىدا نالە قىلماقتىمەن.
بىز ھەممىمىز خۇددى ئېيىقتەك ھۆركىرەپ، كەپتەردەك بۇقۇلداپ، ئادالەتنى ئىستەيمىز، لېكىن ئېرىشەلمەيمىز، نىجاتلىقنى ئىستەيمىز، لېكىن ئۇ يىراقتىدۇر.
كۆڭلۈم دائىم پاراكەندە، ئېغىر كۈنلەر بېسىپ كەلمەكتە.