11 يار-بۇرادەر، تۇغقانلىرىم كېسىلىم سەۋەبىدىن، يىراق قاچتى ئۆزلىرىنى ئېلىپ مەندىن.
قالدىم دۈشمەنلىرىمنىڭ ھاقارىتىگە، ھەتتا قوشنىلىرىمنىڭ ئاھانىتىگە. بولدۇم مەن تونۇشلىرىمغا بىر ۋەھىمە، قاچار ئۇلار كوچىدا مېنى كۆرسە.
ھەزرىتى ئەيسانى تونۇيدىغان كىشىلەر ۋ ە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار ۋەقەنىڭ جەريانىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى.
يىراق قىلىپ مېنىڭدىن ھەمراھلىرىم، دوستلىرىمنى، يار قىلدىڭ پەقەت ماڭا قاراڭغۇلۇقنى.
مانا، شۇنداق ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ئۆز يوللىرىڭلارغا كېتىسىلەر. بىراق، مەن يالغۇز قالمايمەن، چۈنكى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر.
قاراۋۇللار ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ، باش روھانىينىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭغانىدى.
ئەمما، بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى. بۇ چاغدا، شاگىرتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى.
ھالبۇكى، ئۇ بىز تارتىشقا تېگىشلىك جەبىر-جاپالارنى، بىزنىڭ قايغۇلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. لېكىن بىز بولساق «ئۇنى خۇدا جازالىدى، ئۇنى خۇدا ئۇردى، خۇدا ئۇنىڭغا شۇنداق جەبىرلەرنى سالدى» دەپ ئويلىدۇق.
ئۇ ناھەق تۇتۇپ كېتىلىپ، ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، ئۇنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى. ئۇ خەلقىمىزنىڭ قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىن يوقىتىلدى.
قورشاۋغا ئالدى مېنى بىر توپ رەزىللەر، ئەتراپىمنى ئورىۋالدى ئاشۇ ئىتلار، پۇت-قوللىرىمنى تەشتى ئۇلار.