6 پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى، ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى.
پەرياد قىلغانىدىم يۇقىرى ئاۋازدا پەرۋەردىگارغا، ئۇ جاۋاب بەردى مۇقەددەس سىئون تېغىدىن ماڭا. سېلاھ
ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالىسەن ئېزىلگەنلەرنىڭ ئىستەكلىرىگە، قۇۋۋەت بېرىسەن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە. كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىسەن دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە.
پەرۋەردىگار داۋۇتنى بارلىق دۈشمەنلىرى ۋە پادىشاھ سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى داۋۇت بۇ مۇناجاتنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوقۇغان:
بىر بىچارە، ھاجەتمەن ئۆزۈم، بىراق، مېنى ياد ئېتەر ئىگەم. مەدەتكارىمسەن ھەم نىجاتكارىم، ھايال بولما، ئى ئىلاھىم.
مېنى پۈتۈن بالا-قازالاردىن قۇتقۇزغان پەرىشتە ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي. مېنىڭ نامىم ۋە ئاتا-بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئىسھاقنىڭ نامى بۇ بالىلار ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشقاي. ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، يەر يۈزىدە گۈللەپ ياشنىغاي.»
ھاننا جاۋابەن: _ سىلىنىڭ ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشكەيمەن، _ دېدى. ئاندىن ئۇ قايتىپ بېرىپ، غىزا يېدى، ئىلگىرىكىدەك غەمكىن بولمىدى.
ئاڭلىغايسەن ئىلتىجايىمنى، قۇلاق سېلىپ تىڭشىغايسەن نىدايىمنى.