5 نۇرلىنار چېھرى باقسا كىم سېغىنىپ خۇداغا، يەرگە قاراپ قالماس ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەسلا.
كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.
شەرمەندە بولماس ساڭا ئۈمىد باغلىغانلار، شەرمەندە بولار خائىنلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار.
پەرۋەردىگار، ھاياتلىق چىرىغىمنى ياققۇچىسەن، ئىلاھىم، زۇلمىتىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن.
نۇر خۇددى ئۇرۇقتەك چېچىلغاندۇر ھەققانىيلارغا، شادلىق تېرىلغاندۇر دىلى دۇرۇسلارغا.
چۈنكى ئۆزۈڭ ھاياتلىق بۇلىقىسەن، كۆرىمىز ھەقىقەتنى نۇرۇڭ بىلەن.
ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭ خۇشاللىقتىن چاقنايدۇ، يۈرىكىڭ شادلىقتىن تېپچەكلەيدۇ، چۈنكى، دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىدىن بايلىقلار ساڭا ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا تەۋە بولىدۇ.
ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار، ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر! مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.
ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، جاۋاب بەرگىن نەزىرىڭنى سېلىپ ماڭا، نۇرلاندۇرغىن كۆزلىرىمنى، بولمىسا كېتەرمەن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا.
چۈشۈرگىن نومۇستا يۈزىنى، ئى پەرۋەردىگار، تاكى ياردەم سورىغىچە سېنىڭدىن ئۇلار.
يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بۇ ۋاقىت بەخت-سائادەتكە ئېرىشكەن، شاد-خۇراملىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋاقىت بولدى.
يوئاب ئۆيگە كىرىپ، پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ، ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ، ئاياللىرىنىڭ ۋە توقاللىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بارلىق ئادەملەرنى خىجالەتچىلىككە قويدىلا.
شۇڭا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ تەخمىنەن ئالتە يۈز ئادىمى قىيلاھتىن چىقىپ، ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئايلىنىپ مېڭىپ يۈردى. بەزىلەر بۇ ئەھۋالنى سائۇلغا يەتكۈزدى. سائۇل قىيلاھقا بېرىشتىن ۋاز كەچتى.
ساقلىغاچ مېنى خۇدا ئۆز پاناھىدا، ياتسام كېتىمەن بەخىرامان ئۇيقۇغا، تىنچ-ئامان ئويغىنىمەن يەنە تاڭدا.
چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»
قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا شۈكۈر ئېيتقانلار مېنى ئۇلۇغلار، شۇنداق قىلىپ نىجاتلىقىمغا ئېرىشمەك ئۈچۈن يول ھازىرلار.»
بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا، جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا.