19 كۆپ بولار ھەققانىي ئادەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئەمما ئۇلاردىن خالاس قىلار پەرۋەردىگار.
قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار، ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار.
بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.
بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!
پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى، ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى.
ئىجابەت قىلىپ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، ھەممە ۋەھىمىلەردىن خالاس قىلدى مېنى.
چۈنكى ئۇ يەتتە قېتىم يىقىلسىمۇ، يەنىلا ئورنىدىن تۇرار، بىراق رەزىللەر بالا-قازادا يىقىلار.
ئالتە قېتىم بالا-قازاغا ئۇچرىساڭمۇ خۇدا سېنى قۇتقۇزىدۇ، يەتتىنچى قېتىم بېشىڭغا ئاپەت كەلسىمۇ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ.
ماڭا ئازاب-كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكىنىڭ، دەل گۆر ئاغزىدىن مېنى تارتىپ ئېلىپ، جانلاندۇرۇپ يېڭى ھاياتقا باشلىغىنىڭ.
ئايۇپنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بەخت-سائادىتى بۇرۇنقى ھاياتىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولدى. ئۇ 14 مىڭ تۇياق قوي، ئالتە مىڭ تۆگە، مىڭ جۈپ ئۆكۈز، مىڭ تۇياق مادا ئېشەككە ئىگە بولدى.
ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ئۇلار ئۇ يەردە ئون يىلچە ياشايدۇ. بۇ جەرياندا ئەلىمەلەك ئالەمدىن ئۆتۈپ، نائومى ئىككى ئوغلى بىلەن قالىدۇ. ئىككى ئوغلى موئابلىق قىزلاردىن ئورپاھ ۋە رۇتلارغا ئۆيلىنىدۇ.
مەمنۇن بولىسەن بېكىتىلگەن قۇربانلىقلاردىن شۇندىلا، قوبۇل قىلىسەن كۆيدۈرمە ۋە پۈتۈن قۇربانلىقلارنى، ئاۋام قۇربانلىق قىلار تورپاقلارنى قۇربانلىق سۇپاڭدا.
كۆڭلىگە داۋا بېرىدۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنىڭ، شىپالىق مەلھەم تاڭىدۇ يارىلىرىغا ئۇلارنىڭ.
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىن، ئۇ يېنىڭدىكى ۋاقتىدا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا يېلىنغىن.
ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.