8 ئەيمەنسۇن پەرۋەردىگاردىن جىمى مەخلۇقاتلار، قورقسۇن ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار.
ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار، نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟ چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن. كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر، ساڭا سەجدە قىلغۇسى. چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.»
يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر، ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر.
قورقۇشقا تېگىشلىكتۇر پەقەت سەندىنلا، ئى خۇدا، كىممۇ ئۆزىنى تىك تۇتالار غەزىپىڭنىڭ ئالدىدا؟
خۇدا بىزگە بەخت ئاتا قىلغاي، بارچە ئىنسان ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغاي.
چۈنكى، خۇدايىمىز ھەممىنى ھالاك قىلالايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ.
شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ، خۇدا ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ.»