Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 33:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار بېغىشلاپ خۇداغا، شادلىق بىلەن ياڭرىسۇن ئاۋازىڭلار، چېكىڭلار تارىنى يەتكۈزۈپ ۋايىغا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 33:3
15 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار! دېڭىزچىلار ۋە دېڭىزدا ياشايدىغان جانىۋارلار، دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ناخشا ئېيتىڭلار! ھەممە يەردە مەدھىيەلەر ياڭرىسۇن!


سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا زەبۇر مۇناجاتلىرى، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن ناخشىلار ياڭرىسۇن. قەلبىڭلاردا بۇ نەغمە سادالىرى ياڭرىغاندەك، چىن قەلبىڭلاردىن رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار.


ئۇلار ۋە قېرىنداشلىرى يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە كەسپىي نەغمىچىلەر بولۇپ، جەمئىي 288 كىشى ئىدى.


ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.


يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئەي جاھان ئەھلى ياڭرىتىڭلار غەزەللەر ئۇنىڭغا ئاتاپ.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


ئى خۇدا، ساڭا ئاتاپ ئېيتاي يېڭى ناخشا، كۈيلەي سېنى ئون تارلىق چىلتاردا.


پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئېيتىڭلار يېڭى ناخشا، چۈنكى ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر خۇدا، مۇقەددەس بىلىكى، ئوڭ قولى زەپەر بەرگەندۇر ئۇنىڭغا.


داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى لىرا، چىلتار، داپ، جاڭ ۋە كانايلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.


ھېلىقى 000،144 كىشى تەختنىڭ، تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ناخشا ئېيتىشتى. بۇ ناخشىنى گۇناھلىرىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدى.


ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەقۋادارلار ئارىسىدا.


پەرۋەردىگار ئاتا قىلدى ماڭا يېڭى بىر كۈينى، ئىگىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتنى. نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇدرىتىنى، پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلاپ ھۆرمەتلەر ئۇنى.


ئىشچىلار سەمىمىيلىك بىلەن ئىشلىدى. ئۇلارغا لاۋىيلارنىڭ مىرارى جەمەتىدىن بولغان ياخات ۋە ئوبادىيا، قوھات جەمەتىدىن زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملار مەسئۇللۇققا تەيىنلەندى. ئۇلار يەنە يۈك توشۇغۇچىلارغا ۋە باشقا قۇرۇلۇشچىلارنى باشقۇرىدىغانلارغا مەسئۇل بولاتتى. لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ساز چېلىشقا ماھىر ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈكچى، باشقۇرغۇچى ۋە دەرۋازىۋەن بولۇپ ئىشلەيتتى.


لاۋىيلارنىڭ بېشى بولغان كىنانيانىڭ كەسپىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ناخشا ئېيتقۇچىلارغا مەسئۇل قىلىندى.


بەختلىكتۇر ئىشەنچ باغلىغانلار پەرۋەردىگارغا، چوقۇنمىغانلار ساختا ئىلاھلارغا، يۈرمىگەنلەر بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite