Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 32:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەقىل-ئىدراك بېرىپ ساڭا كۆرسىتىمەن يولۇڭنى، ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ ئۆگىتىمەن يولۇمدا مېڭىشنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 32:8
16 Referans Kwoze  

بەرھەق، خۇدانىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلاردا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردا.


مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ.


ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.


ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.


كېلىڭلار ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتەي سىلەرگە.


ئاندىن مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سەجدە قىلىپ، ھەمدۇسانا ئوقۇدۇم. چۈنكى ئۇ مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، خوجايىنىمغا ئۇنىڭ قىزىنى كېلىنلىككە ئېلىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنىدى.


ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىسىلا، ئۇلار قوزغالمايتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى.


مۇستەھكەم قورغىنىم خۇدادۇر، ئۇ يولۇمنى ئەيىب-نۇقسانسىز قىلغۇچىدۇر.


دۇئالىرىغا ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ بەرگەيسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە ئاتا قىلغان زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن.


ئەگەر كىمكى ئىخلاس قىلسا پەرۋەردىگارغا، دۇرۇس يولنى ئۆگىتەر ئۇنىڭغا خۇدا.


مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئاڭلىغۇم بار تاڭ سەھەردە، چۈنكى مەن پەقەت ساڭا تايانغانمەن. مېڭىشىم زۆرۈر بولغان يولنى ئۆزۈڭ بىلدۈر ماڭا، چۈنكى مەن ۋۇجۇدۇمدىن پەقەت ساڭا تەلمۈرگەنمەن.


قوغدىغۇچىمىز _ ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، مەن سىلەرگە پايدىلىق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىمەن، سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite