2 نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، خۇدا گۇناھلىرىنى ساقىت قىلغانلار، كۆڭۈللىرىدە ھىيلە-مىكىر بولمىغانلار.
ھەزرىتى ئەيسا ناتانيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: - مانا بۇ، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىل! - دېدى.
ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن يالغان سۆز چىقمايدۇ. ئۇلار ئەيىبسىزدۇر.
ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىم دەپ ئاتالغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلمىسا، ئۇ قان تۆككەن گۇناھكار ھېسابلىنىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.
گۇناھ تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىلا دۇنيادا بار ئىدى. بىراق، ئۇ چاغدا ھەق-ناھەقنى ئايرىيدىغان تەۋرات قانۇنى بولمىغانلىقتىن، گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايتتى.