7 ئى پەرۋەردىگار، كۆرسىتىپ ماڭا شاپائىتىڭنى، تاغدەك بۈيۈك قىلدىڭ مېنى. ئەمما بولدۇم ئالاقزادە، قاچۇرغىنىڭدا دىدارىڭنى.
دەككە-دۈككىگە چۈشەر ئۇلار جامالىڭنى يوشۇرغىنىڭدا، جان ئۈزۈپ قارا يەرگە قايتار، نەپەسلىرىنى توختاتقىنىڭدا.
ماڭا تېزدىن جاۋابىڭنى بەرگىنە پەرۋەردىگار، بولمىسا ئۈمىدلىرىم بەربات بولۇپ ھالىم كېتەر، ئۆتۈنەي، دىدارىڭنى يوشۇرمىغىن مەندىن زىنھار. بولمىسا تېنىم مېنىڭ گۆردە بولار.
ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت، شان-شەرىپى سەندىن كېلەر، شاپائىتىڭ بولغاچ ئۇلار دائىم غەلىبە قىلار.
تارتىۋالدى ئۇ مېنى ھالاكەت گىردابىدىن، چىقىرىۋالدى چوڭقۇر پاتقاق-سازلىقتىن. قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ پۇتلىرىمنى، مۇستەھكەم قىلدى مېنىڭ قەدەملىرىمنى.
ئۆتۈپ كېتەر غەزىپى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەمما ئۇنىڭ شاپائىتى ھەمراھدۇر ئاداققىچە. كېچىچە داۋام ئەتسىمۇ گەر يىغا-زارە، شاد-خۇراملىق يېتىپ كېلەر سەھەردە.
ئى پەرۋەردىگار، بەخت ئاتا قىلىسەن ھەققانىيلارغا، ساخاۋىتىڭنى قالقان قىلىپ، باشپاناھ بولىسەن ئۇلارغا.
سەن ماڭا ھايات ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلدىڭ، سېنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى.
ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى تاشلايمەن، ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار ھالاك بولىدۇ، نۇرغۇن بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار: «خۇدا بىزگە يار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بالا-قازالار بېشىمىزغا چۈشكەنمىدۇ؟» دېيىشىدۇ.
مانا قارا، مېنىڭ تارتقان بۇ قاتتىق ئازابلىرىم مېنىڭ مەنپەئەتلىرىم ئۈچۈندۇر، سەن مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى گۆر ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كەلدىڭ، چۈنكى سەن گۇناھلىرىمنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ.
ئالغان ئەمەس ئۇلار زېمىنىنى شەمشىرى بىلەن، غەلىبىگە ئېرىشكىنى يوق ئۆز بىلىكى بىلەن. بەلكى ئۇلارنىڭ غالىب كېلىشى سەن خۇدادىن، ئوڭ قولۇڭ، قۇدرىتىڭ، چېھرىڭنىڭ نۇرىدىن، چۈنكى سۆيۈندۈڭ سەن ئۇلاردىن.
ئى پەرۋەردىگار، نېچۈن مەندىن قېچىپ تۇرىسەن يىراقتا، نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا؟