Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 30:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، نالە قىلسام ساڭا، شىپالىق بەردىڭ ماڭا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 30:2
14 Referans Kwoze  

_ سەن خەلقىمگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى خىزكىيانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا ساڭا: ‹مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. مەن سېنى ساقايتىمەن، ئۈچىنچى كۈنى ئىبادەتخانامغا بارالايسەن.


ئى پەرۋەردىگار، رەھىم قىل ماڭا، زەئىپلىشىپ كەتتىم قەۋەتلا. ئى پەرۋەردىگار، شىپالىق بەرگىن ماڭا، بوشىشىپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم بىراقلا.


كۆڭلىگە داۋا بېرىدۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنىڭ، شىپالىق مەلھەم تاڭىدۇ يارىلىرىغا ئۇلارنىڭ.


پەرۋەردىگار: _ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان مەن خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا تولۇق ئەمەل قىلساڭلار، مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللەرنى سىلەرگە كەلتۈرمەيمەن. مەن سىلەرگە شىپا بولىدىغان پەرۋەردىگاردۇرمەن، _ دېدى.


ئى پەرۋەردىگار، نالە قىلىمەن ساڭا، ھەر سەھەردە قىلىپ دۇئا.


پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار سەۋەبىدىن ئابىمەلەكنىڭ ئوردىسىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تۇغماس قىلىۋەتكەنىدى. شۇڭا ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلدى. خۇدا پادىشاھ ئابىمەلەك، ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى يەنە پەرزەنت كۆرەلەيدىغان قىلدى.


كەچۈرگىنىڭنى ئاڭلاپ، شاد-خۇرام بولاي، سەن يانجىغان ئۇستىخانلىرىم ھەم شادلانغاي.


مېنى قاتتىق جازالىغان بولسىمۇ پەرۋەردىگار، ئەمما تاشلاپ قويمىدى ئۆلۈمگە زىنھار.


ئى پەرۋەردىگار، ئىلاھىم ئادالىتىڭدە ئاقلىغىن مېنى، مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكە يول قويمىغىن دۈشمەنلىرىمنى.


دىيانەتلىك بولغىنىم ئۈچۈن يۆلەك بولىسەن ماڭا، مەڭگۈ تۇرغۇزىسەن مېنى ھۇزۇرۇڭدا.


ئۇلۇغلايمەن پادىشاھىم خۇدا سېنى، تەرىپلەيمەن تائەبەد نام-شەرىپىڭنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite