6 قورقماسمەن مىڭلىغان كىشىلەردىن، ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىدىن.
ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟
ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن، ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن، ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ
داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئابسالومنىڭ ئادەملىرىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ كۈنى ناھايىتى كۆپ ئادەم ئۆلدى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭ ئىدى.
ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتسىمۇ زېمىن ناۋادا، تاغلار غۇلاپ چۈشسىمۇ دېڭىزلارنىڭ ئاستىغا. دولقۇنلىنىپ دېڭىزلار، ئۆركەش ياساپ تاشسىمۇ، تاشقىنىدىن دېڭىزنىڭ، تاغلار تەۋرەپ كەتسىمۇ، بىزدە قورقۇنۇش يوقتۇر ئەسلا. سېلاھ
سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.
ياتقاندا ھېچنېمىدىن قورقمايسەن، يېتىپلا تاتلىق ئۇخلايسەن.
نەگىلا بارساڭ، يول باشلار ئۇ ساڭا، قوغدار سېنى ئۇخلىغىنىڭدا، مەسلىھەت بېرەر ساڭا ئويغانغىنىڭدا.