Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ساقلىغاچ مېنى خۇدا ئۆز پاناھىدا، ياتسام كېتىمەن بەخىرامان ئۇيقۇغا، تىنچ-ئامان ئويغىنىمەن يەنە تاڭدا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 3:5
11 Referans Kwoze  

ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان، چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن.


ياتقاندا ھېچنېمىدىن قورقمايسەن، يېتىپلا تاتلىق ئۇخلايسەن.


ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن ئوي-خىيالى سەندە بولغانلارغا سەن مۇكەممەل تىنچلىقنى بېرىسەن، چۈنكى ئۇلار ساڭا تايانغان.


مەن زېمىنىڭلاردا تىنچلىق بەرپا قىلىمەن، خاتىرجەم ئۇخلايسىلەر، ھېچكىم سىلەرنى قورقۇتمايدۇ. مەن زېمىنىڭلاردىكى رەزىل ھايۋانلارنى يوق قىلىمەن. زېمىنىڭلاردا ئۇرۇش بولمايدۇ.


مەزمۇت قەلئەدەكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ نامى، ئامان بولۇر ھەققانىيلار پاناھ تارتىپ ئۇنى.


بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار.


پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىنىڭ يۆلەنچۈكى بار، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار.


ئۇ ساقلاپ كەلدى ھاياتىمىزنى، تېيىلىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمىزنى.


ھىرود خان پېترۇسنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى. ئىشىكنىڭ سىرتىغىمۇ قاراۋۇل قويۇلغانىدى.


نۇرلىنار چېھرى باقسا كىم سېغىنىپ خۇداغا، يەرگە قاراپ قالماس ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەسلا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite