Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 3:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 پەرياد قىلغانىدىم يۇقىرى ئاۋازدا پەرۋەردىگارغا، ئۇ جاۋاب بەردى مۇقەددەس سىئون تېغىدىن ماڭا. سېلاھ

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 3:4
29 Referans Kwoze  

ئىجابەت قىلىپ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، ھەممە ۋەھىمىلەردىن خالاس قىلدى مېنى.


جاۋاب بېرىمەن ئىلتىجا قىلغىنىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن ئېغىر كۈنلىرىدە، قۇتقۇزۇپ ئۇنى، سازاۋەر قىلىمەن شۆھرەتكە.


ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.


پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى، ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى.


ئاراڭلاردا جاپا تارتىۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا دۇئا قىلسۇن. خۇشال بولۇۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن.


- دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ.


چاچقىن نۇرۇڭنى، كۆرسەت ھەقىقىتىڭنى، يېتەكلىسۇن ئۇلار مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا، ئېلىپ بارسۇن ئۇچرىشىش جايىمىزغا.


دەيدۇ ئۇ: «ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا _ تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى سىئوندا.»


بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا، جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا.


پەرۋەردىگارىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار، مۇقەددەس سىئون تېغىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار، چۈنكى مۇقەددەستۇر پەرۋەردىگارىمىز!


چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»


بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.


ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا، دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزىلارمەن شۇندىلا.


ئەمدى قەددىم كۆتۈرۈلدى رەقىبلىرىم ئالدىدا. شادلىق بىلەن ئالقىشلاپ پەرۋەردىگارنى، قىلارمەن قۇربانلىق خۇدانىڭ چېدىرىدا، ئۇنى كۈيلەيمەن ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا.


قۇدرىتىم ۋە قالقىنىمدۇر پەرۋەردىگار، ياردىمىگە ئېرىشتىم ئىشەنچ باغلاپ ئۇنىڭغا. شۇڭا مەن شادلىنىپ قەلبىمدىن، شۈكۈر ئېيتارمەن ئۇنىڭغا مۇناجىتىمدا.


ئەي خالايىق ھەر دائىم ئىشىنىڭلار خۇداغا، ئىزھار ئەيلەپ كۆڭۈل ۋە دەردىڭلارنى ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار بىزگە بولىدۇ بىر پاناھگاھ. سېلاھ


ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار، بەختلىكتۇر ساڭا تايانغانلار.


بىر ۋەھىيىڭدە مۇنداق دېگەنىدىڭ سادىق ئۆز بەندەڭگە: «مەن بىر ئەزىمەتكە ياردىمىمنى يەتكۈزدۈم، ئەل ئارىسىدىن ئۇنى تاللاپ، كۆتۈردۈم.


باشپاناھ، قالقاندۇرسەن ماڭا، ئۈمىدىم باردۇر سېنىڭ كالامىڭدا.


ئۇ ساقلاپ قويغاندۇر ياخشىلىقلارنى دۇرۇسلارغا، ئۆزى قالقاندۇر دىيانەت يولىدا ماڭغانلارغا.


ئاڭلىغايسەن ئىلتىجايىمنى، قۇلاق سېلىپ تىڭشىغايسەن نىدايىمنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite