Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 3:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئەمما، ئى پەرۋەردىگار قالقىنىمدۇرسەن، شان-شۆھرىتىم، قەددىمنى كۆتۈرگۈچىسەن.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 3:3
19 Referans Kwoze  

ئەمدى قەددىم كۆتۈرۈلدى رەقىبلىرىم ئالدىدا. شادلىق بىلەن ئالقىشلاپ پەرۋەردىگارنى، قىلارمەن قۇربانلىق خۇدانىڭ چېدىرىدا، ئۇنى كۈيلەيمەن ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا.


قۇدرىتىم ۋە قالقىنىمدۇر پەرۋەردىگار، ياردىمىگە ئېرىشتىم ئىشەنچ باغلاپ ئۇنىڭغا. شۇڭا مەن شادلىنىپ قەلبىمدىن، شۈكۈر ئېيتارمەن ئۇنىڭغا مۇناجىتىمدا.


بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.


باشپاناھ، قالقاندۇرسەن ماڭا، ئۈمىدىم باردۇر سېنىڭ كالامىڭدا.


قۇياش كۈندۈزى نۇرۇڭ بولمايدۇ، ئايمۇ سېنى يورۇتمايدۇ، پەقەت مەن پەرۋەردىگارلا سېنىڭ نۇرۇڭ بولىمەن. مەن خۇدا سېنىڭ شان-شەرىپىڭ بولىمەن.


نىجاتلىقىم، شان-شۆھرىتىم خۇدادىن كېلۇر، خۇدا مېنىڭ باشپاناھىم، قورام تېشىمدۇر.


بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.


قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر، ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.


شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ.


ئىگەم يول ئۈستىدە بۇلاقتىن سۇ ئىچەر، كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، مەيدىسىنى ئېگىز كۆتۈرەر.


بىلىپ قويۇڭلار شۇنى، پەرۋەردىگار تاللايدۇ تەقۋادارلارنى، ئاڭلايدۇ مېنىڭ نىدايىمنى.


شەھەر خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن ئېسىل بىر گۆھەرنىڭ، يېشىل قاشتاشتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى.


ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»


ئەي ئىسرائىللار، سىلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! قايسى خەلق سىلەرگە ئوخشايدۇ؟ سىلەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدۇڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ قالقىنىڭلار ۋە ياردەمچىڭلاردۇر، سىلەرنىڭ شان-شەرەپلىك قىلىچىڭلاردۇر، دۈشمىنىڭلار قورقۇپ، سىلەرگە تىز پۈكىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرىنى دەسسەيسىلەر.»


ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرئەۋن سىزگە كەڭچىلىك قىلىپ، ئەسلى مەنسىپىڭىزنى بېرىدىكەن. سىز پىرئەۋنگە بۇرۇن باش ساقىي بولغان ۋاقتىڭىزدىكىدەك يەنە شاراب تۇتىدىكەنسىز.


پۈتكۈل ئىسرائىل ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەنلا غەلىبە قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ماختايدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن سۈرگۈندە يۈرگىنىگە 37 يىل بولغاندا، ئەۋىل-ماردۇق بابىل پادىشاھى بولۇپ، تەختكە چىقتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىنغا شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى.


خىزكىيانىڭ سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىپ: ‹پەرۋەردىگار بىزنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ، ئۇ بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانماڭلار.


كېيىن مەن زېمىنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرنى خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش ئاشلىقلىرى، شارابلىرى، يېمەكلىكلىرى، ئۈزۈمزارلىقلىرى، زەيتۇن دەرەخلىرى مول بولغان، شۇنداقلا زەيتۇن يېغى ۋە ھەسەل چىقىدىغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن. ئۆلۈمنى ئەمەس، ھاياتنى تاللاڭلار. خىزكىيانىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇ سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite