2 دېيىشەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈستۈمدىن: «يوقتۇر ئۇنىڭغا نىجاتلىق خۇدادىن.» سېلاھ
دېيىشەر: «خۇدا ئۇنى تەرك ئەتتى، ئۇنى قوغلاپ تۇتايلى، قۇتۇلدۇرىدىغانلار يوقتۇر ئەمدى.»
كۆز ياشلىرىم مەن ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز بولدى غىزا، «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشەر رەقىبلىرىم دائىم ماڭا.
ئۆتتى جېنىمدىن دۈشمەنلىرىمنىڭ تاپا-تەنىلىرى، دائىم ماڭا: «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشلىرى.
كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلار مېنى. دېيىشەر پۈرۈشتۈرۈپ ئېغىزلىرىنى، چايقىشىپ باشلىرىنى:
خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار! جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا، بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ
ھەم كەلدىڭ ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزۇشقا، تاللىغىنىڭغا نىجاتلىق بېرىشكە! سەن رەزىللەرنىڭ يول باشلامچىسىنى ئۇردۇڭ، ۋەيران قىلدىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى. سېلاھ
تۇرار ئوقيايىڭ جەڭگە تەييار، تۇرار ئوقداندا لىق ئوقلار. سېلاھ ئايرىدىڭ تاشقىن بىلەن يەر يۈزىنى،
كۆردۈمكى كەلگەنلىكىنى خۇدانىڭ تېمان زېمىنىدىن، كۆردۈمكى چۈشكەنلىكىنى مۇقەددەس خۇدانىڭ پاران تېغىدىن. سېلاھ ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى كۆكنى قاپلىدى، تولدى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئۇنىڭغا ئېيتىلغان ھەمدۇسانالارغا.
ئەي ئىنسان بالىلىرى، قاچانغىچە دەپسەندە قىلىسىلەر مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى، قاچانغىچە قەدىرلەيسىلەر ئاساسسىز شىكايەتلەرنى، قاچانغىچە توقۇپ چىقىسىلەر ماڭا قارشى يالغانچىلىقلارنى؟ سېلاھ
ئى پەرۋەردىگار، سەندىن كېلەر نىجاتلىق، ئۆز خەلقىڭنى قىلغايسەن بەرىكەتلىك. سېلاھ
پەرياد قىلغانىدىم يۇقىرى ئاۋازدا پەرۋەردىگارغا، ئۇ جاۋاب بەردى مۇقەددەس سىئون تېغىدىن ماڭا. سېلاھ
كىشىلەر بىزگە ئاچچىقلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتكىنىدە ئەگەر ئىگەم بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا، ئۇلار بىزنى تىرىك پېتى يەۋېتەر ئىدى. كەلكۈن كەبى ئېقىپ كەلگەن ئادەم توپى دولقۇن ياساپ باسقىنىدا ئۈستىمىزدىن ئەزىم دەريادەك بىزنى غەرق قىلار ئىدى.