4 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى قۇدرەتلىكتۇر، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ھەيۋەتلىكتۇر.
ھېلىقى تۆت دانە كېرۇبنىڭ قاناتلىرىنى قاققان ۋاقتىدا چىققان ئاۋازى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى ئاۋازىغا ئوخشايتتى. بۇ ئاۋازنى تاشقىرىقى ھويلىدىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.
قەدىمدىن بار بولغان، ئاسمانلاردا يۈرىدىغان، قۇدرەتلىك ئاۋازىدا ئاسمان باغرىنى يارغان، ئىگىمىزنىڭ شەنىگە كۈي-ناخشىلار ئېيتىڭلار.
چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى، ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى.
بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە: - ئۇنىڭ سۆزلىرى نېمىدېگەن كۈچلۈك! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش نوپۇزى ۋە قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەن! جىنلار راستتىنلا چىقىپ كەتتى، - دېيىشتى.
شەھەردىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلانماقتا، ئىبادەتخانىدىن بىر ئاۋاز كەلمەكتە، بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىمنى جازالىغان ئاۋازدۇر!
- ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ - دېدى. شاگىرتلار ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم قورقۇشۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.
جاكارلاڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى، ئۇ يۈرگۈزەر ئىسرائىل ئۈستىدىن سەلتەنەتلىك ھوقۇقىنى، نامايان قىلار ئۇ ھەم سامادا كۈچ-قۇدرىتىنى.
دېڭىزلارنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىدىن، دولقۇنلارنىڭ يۇلقۇنۇشلىرىدىن، قۇدرەتلىكتۇر ئەرشتىكى پەرۋەردىگار.
خۇددى ئۇلۇغ ئوت ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغاندەك، خۇددى جۇدۇن-چاپقۇن ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر بىلەن مۆلدۈردەك، پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئاۋازىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ جازالايدىغان غەزەپلىك قولىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.
ئاموس مۇنداق دېدى: «ھۆركىرەر پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن، ياڭرار ئۇنىڭ ئاۋازى يېرۇسالېمدىن. قۇرۇپ كېتەر پادىچىلارنىڭ يايلاقلىرى، قۇرۇپ كېتەر كارمەل تېغىنىڭ چوققىسى.»