3 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنار دېڭىز-ئوكىيانلاردا، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتەر شانۇشەۋكەتلىك خۇدا، ئۇنىڭ ئاۋازى بىپايان سۇلار ئۈستىدە ياڭرىتىپ سادا.
مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر شۇ ھامان توختىدى، يامغۇرمۇ تىنچىدى.
مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار. بىزگە بۇ ھەيۋەتلىك گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر يېتەر. مەن سىلەرنىڭ كېتىشىڭلارغا يول قوياي. سىلەر ئەمدى بۇ يەردە تۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، _ دېدى.
ئاندىن، سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ۋە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ھۆكۈمراندۇر.
شۇ ئەسنادا چاقماقلار چېقىلدى، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. يەر-زېمىن شۇنچىلىك تەۋرەندىكى، ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بېرى بۇنداق قاتتىق تەۋرىنىش بولمىغانىدى.
ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى.
تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل بار ئىدى. بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى.
ئەرشتىكى تۇرارگاھىڭ لىملىرىنى ئورنىتىپسەن كۆكتىكى سۇلارغا، جەڭ ھارۋىسى كەبى قىلىپ بۇلۇتنى، ماڭدۇرۇپسەن شامالنىڭ قانىتىدا.
سامۇئىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا، فىلىستىيەلىكلەر ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئەمما شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئاسماندا قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ، ئۇلارنى ساراسىمىگە سالدى. نەتىجىدە، ئۇلار ئىسرائىللارغا مەغلۇپ بولدى.
ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغدا بىر پارچە قويۇق بۇلۇت پەيدا بولدى. بۇرغىنىڭ قاتتىق چېلىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارارگاھتىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى.
ئاندىن، پەرىشتە ئىسرىقداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى. ئۇ چاغدا، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. چاقماقلار چېقىپ، يەر-زېمىن تەۋرەندى.
شۇ مەيداندىكى بۇنى ئاڭلىغان خالايىق: - ھاۋا گۈلدۈرلىدى، - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا: - بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، - دېيىشتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا:
ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجدادىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدىن ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ بارمىغان ۋاقىتتا، شانۇشەۋكەتلىك خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ:
گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشى بوراننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى جاكارلايدۇ، ھەتتا بۇنى كالىلارمۇ سېزەلەيدۇ.»
سەندە مەن خۇدايىڭنىڭكىدەك بىلەك بارمۇ؟ سېنىڭ ئاۋازىڭ مېنىڭ گۈلدۈرمامىغا ئوخشايدىغان ئاۋازىمدەك ئاڭلىنامدۇ؟