4 جازالىغايسەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ، قىلغان يامانلىقلىرىنى ھېسابلاپ. قايتۇرۇپ بەرگىن ئەمەللىرىگە لايىق جازا، قوللىرىنىڭ قىلغانلىرىنى ساناپ.
ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېدى: «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن.
مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا كۆپ زىيانكەشلىك قىلدى. رەببىمىز چوقۇم ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق جازا ياندۇرىدۇ.
ياندۇرۇڭلار ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغىنىغا مۇۋاپىق. قايتۇرۇڭلار ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشلاپ. سۇنۇڭلار ئىككى باراۋەر تولدۇرۇپ، ئۇنىڭ شاراب بەرگەن قەدىھىنى.
بۇنىڭدىن خۇدانىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قاتتىق قول ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ ئۆز يولىدىن چەتنىگەنلەرگە قاتتىق قولدۇر. لېكىن، سىلەر داۋاملىق ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىدا تۇرساڭلار، ئۇ سىلەرگە مېھرىباندۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، سىلەرمۇ كېسىپ تاشلىنىسىلەر.
ئۇ چاغدا نىيىتىڭ بۇزۇلىدۇ، رەزىل پىلان تۈزىسەن.
ئۇ مۇئامىلە قىلمىغاندۇر بىزگە گۇناھلىرىمىزغا يارىشا، جازالىمىغاندۇر بىزنى ئۇ قىلمىشلىرىمىزغا قارىتا.
ئى خۇدا، بېكىتكەيسەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ئۆزى كولىغان ئورىدا كۆرسۇن ئۇلار ئۆزلىرىنى. ئىتائەتسىزلىك قىلغاچقا ئۇلار ساڭا، كۆپ گۇناھقا پاتتى ئۇلار، قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى.
بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە ئىشلار بىزنىڭ رەزىللىكىمىز ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزدىن بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئى خۇدايىمىز، گۇناھىمىزغا لايىق جازا بەرمىدىڭ، بىر قىسىمىمىزنى يەنىلا ئامان قالدۇردۇڭ.
يوقىتارسەن يەر يۈزىدىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، قۇرۇتارسەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن نەسلىنى.
مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.
ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، جازالىغىن ئۇلارنى قىلمىشىغا يارىشا!