2 مۇقەددەس جايىڭ تەرەپكە قىلىپ يۈزۈمنى، كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قولۇمنى، بايان قىلسام دەردىمنى، ئاڭلىغىن، ساڭا قىلغان ئۆتۈنۈشۈمنى.
مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن ساڭا، ساداقىتىڭ، مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا، سۆزۈڭ بىلەن نامىڭنى قىلدىڭ ھەممىدىن ئەلا.
قوبۇل قىلغىن ئىسرىق كەبى مېنىڭ دۇئايىمنى، كەچتە قىلغان قۇربانلىق كەبى كۆتۈرۈلگەن قوللىرىمنى،
شۇڭا، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئېتىقادچى ئەرلەر مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھەر قېتىم دۇئاغا جەم بولغاندا باشقىلارغا غەزەپلەنمەي، دەتالاش قىلماي، توغرا ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن.
پەرۋەردىگار «سەن مېنىڭ ئىگەمدۇرسەن» دېگەنىدىم، قۇلاق سالغىن ئىلتىجايىمغا، ئى ئىلاھىم.
مۇقەددەس جاي تەرەپكە قاراپ، دۇئاغا كۆتۈرۈلسۇن قوللىرىڭلار، پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار!
شۇنداق، مەن كىرىمەن سېنىڭ ئۆيۈڭگە، چەكسىز، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ماڭا. سەجدە قىلىمەن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭدا، ئىخلاسىم باردۇر ساڭا.
دانىيال بۇ پەرماننىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر بالىخانا بار ئىدى. بالىخانىنىڭ دېرىزىسى يېرۇسالېم تەرەپكە قاراپ ئېچىلغانىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا دۇئا قىلىپ، دۇئا قىلدى.
ئويغىنىپ كېچىلىرى نەچچە رەت، نىدا قىلغىن ئىگىمىز ئالدىدا، قەلبىڭنى ئىزھار قىلغىن ئۇنىڭغا. قول كۆتۈرۈپ ئۆتۈنگىن ئىگەڭدىن، ئاچلىقتىن ھوشسىز ياتقان بالىلىرىڭ ئۈچۈن كوچىلاردا.
قوللىرىم ساڭا قاراپ سوزۇلغاندۇر، ۋۇجۇدۇم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر.
ئادىشىپ كەتكەنلەرنى ئەگرى يوللارغا، جازالايدۇ پەرۋەردىگار رەزىللەرگە قوشۇپلا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.
تەرىپلەيمەن ئىگەم سېنى جېنىم تەندە بولسىلا، قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىمەن ساڭىلا.
ئۇلار بۇ ئازابلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلتىجا قىلسا،
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قويىدىغان خانىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشتۇردى.
ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ ئۈچ تەرىپىگە يانداشتۇرۇپ، يان خانىلار سېلىندى.
پەرۋەردىگار مەن ساڭا قىلدىم نىدا، كەلسىكەن دەپ سېنى تېزدىن يېنىمغا، ئاڭلىساڭچۇ ئاۋازىمنى ساڭا نىدا قىلغىنىمدا.
پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگەن ھېلىقى ئەمەلدارلار دانىيالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆز خۇداسىغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.