Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 27:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئېغىر كۈنلەر كەلگىنىدە بېشىمغا، ئالار ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا. چىقىرىپ مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز جايغا، يوشۇرۇپ قۇيار مۇقەددەس چېدىرىغا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 27:5
33 Referans Kwoze  

مەزمۇت قەلئەدەكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ نامى، ئامان بولۇر ھەققانىيلار پاناھ تارتىپ ئۇنى.


سېنى پاناھ قىلغانلارنى ساقلاپ ھۇزۇرۇڭدا، قوغدايسەن ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن، ئېلىپ ئۇلارنى ئۆز پاناھىڭغا، ساقلايسەن چېقىمچىلارنىڭ تىللىرىدىن.


يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن، ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن. توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى، قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى.


كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.


باشپاناھ، قالقاندۇرسەن ماڭا، ئۈمىدىم باردۇر سېنىڭ كالامىڭدا.


چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»


تارتىۋالدى ئۇ مېنى ھالاكەت گىردابىدىن، چىقىرىۋالدى چوڭقۇر پاتقاق-سازلىقتىن. قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ پۇتلىرىمنى، مۇستەھكەم قىلدى مېنىڭ قەدەملىرىمنى.


چۈنكى، سىلەر بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. ھاياتىڭلار ئەيسا مەسىھ بىلەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا پىنھاندۇر.


كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرىغىن مېنى، مېنى ھالاك قىلماقچى بولغان رەزىللەردىن. قاناتلىرىڭ ئاستىغا يوشۇرغىن مېنى، قورشىۋالغان ئەشەددىي دۈشمەنلىرىمدىن.


كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.


خەلقىم، ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاپ قويۇڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلغۇچە ئازغىنا ۋاقىت يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار.


جاۋاب بېرىمەن ئىلتىجا قىلغىنىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن ئېغىر كۈنلىرىدە، قۇتقۇزۇپ ئۇنى، سازاۋەر قىلىمەن شۆھرەتكە.


شەپقەت كۆرسەتكىن ئى خۇدا، شەپقەت كۆرسەتكىن ماڭا. چۈنكى مەن پاناھ تاپارمەن سەندە، قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىدا، تاكى خەتەر ئۆتۈپ كەتكۈچە.


ئۇلار بوراندىن دالدىلىنىدىغان پاناھلىق جايغا، جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشايدۇ. ئۇلار قاغجىرىغان يەرنى سۇغىرىدىغان ئېقىن سۇلارغا ئوخشايدۇ. قاتتىق ئىسسىق يەردىكى قورام تاشنىڭ سالقىن سايىسىغا ئوخشايدۇ.


چۈشكۈنلۈك باسقاندا قەلبىمنى، ئىلتىجا قىلىمەن يىراقتىن ساڭا، يېتەكلىگىن مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز قورام تاشقا.


كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى، ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى.


ئۇلار قۇۋلۇق ئىشلىتىپ، سۇيىقەست قىلار خەلقىڭگە. قارشى پىلان تۈزۈشەر، سەن قەدىرلىگەنلەرگە.


مۇشەققەتتە رەببىم ساڭا تەلپۈندىم، كېچىلىرى دۇئا قىلىپ ئۆتۈندىم، تەسەللىگە ئېرىشمىدى بۇ كۆڭلۈم.


ئى پەرۋەردىگار، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سېنى ئىزدىدۇق. سەن بىزنى جازالاپ تەربىيەلىگەندە، بىز مەيۈسلەنگەن ئاجىز ئاۋازىمىز بىلەن دۇئا قىلدۇق.


ئى پەرۋەردىگار، نېچۈن مەندىن قېچىپ تۇرىسەن يىراقتا، نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا؟


- ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.


ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، يوئاش خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى.


ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا، چۈنكى ئۇ كۆرسەتتى ماڭا ئۆزىنىڭ چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتىنى، شەھەر قورشاۋدا قالغاندا.


پەرۋەردىگار ئاتا قىلدى ماڭا يېڭى بىر كۈينى، ئىگىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتنى. نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇدرىتىنى، پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلاپ ھۆرمەتلەر ئۇنى.


شۈبھىسىزكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىم، دۈشمىنىمدىن قوغدايدىغان مۇستەھكەم قورغىنىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite