3 ياۋ لەشكەرلىرى ئالسىمۇ مېنى قورشاۋغا، قورقۇنچ بولماس قەلبىمدە ئەسلا. ئاتلانسىمۇ ئۇلار ماڭا قارشى جەڭگە، تەۋرەنمەس ئىشەنچىم باردۇر يەنىلا.
قورقماسمەن مىڭلىغان كىشىلەردىن، ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىدىن.
لېكىن، ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! باشقىلارنىڭ تەھدىتىدىن قورقماڭلار ۋە ئەنسىرەپ كەتمەڭلار.
سىلەرگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن قىلچە قورقماڭلار. سىلەردىكى بۇ غەيرەت ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنىڭ، سىلەرنىڭ بولسا خۇدا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر.
كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.
خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭ ساڭا ئىشەنچ بەرمەمدۇ؟ دۇرۇس ئادەم بولۇشۇڭ ساڭا ئۈمىد بەرمەمدۇ؟
بۇنى كۆرۈپ ھەققانىيلار ھاڭ-تاڭ قالار، ئۇ نوچىنى مۇنداق دەپ زاڭلىق قىلار:
ياخازىئېل مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ يىھوشافات، يېرۇسالېم خەلقى، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى، سۆزۈمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىدىن قورقۇپ، بوشىشىپ كەتمەڭلار. چۈنكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا ئەمەس، بەلكى مەن خۇدانىڭ ئىلكىدىدۇر.
ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت قوشۇن باشلاپ چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئاخىرىدا فىلىستىيەلىكلەر قېچىپ كېتىشتى.
ئى پەرۋەردىگار، ياردەمگە كەلگىن، ئى ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن. تەستىكىگە سالىسەن رەقىبلىرىمنىڭ، چىشلىرىنى سۇندۇرىسەن رەزىللەرنىڭ.
قورقۇپ كەتمەس شۇم خەۋەر كەلسە ئۇلارغا، كۆڭلى توقتۇر ئۇلارنىڭ تايانغاچ پەرۋەردىگارغا.