Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 27:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ۋاز كەچسىمۇ مېنىڭدىن ئاتا-ئانام، ئۆز قوينىغا ئالار مېنى پەرۋەردىگارىم.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 27:10
9 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارىم مۇنداق دەيدۇ: «ئانا قانداقمۇ ئېمىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالسۇن؟ ئۆزى تۇغقان بالىسىغا قانداقمۇ رەھىمدىللىك كۆرسەتمىسۇن؟ ئانا ئۆزى تۇغقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، مەن سېنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن.


پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ، ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.


مانا، شۇنداق ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ئۆز يوللىرىڭلارغا كېتىسىلەر. بىراق، مەن يالغۇز قالمايمەن، چۈنكى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر.


ئادەمنىڭ دۈشمىنى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەردۇر.


بىرىنچى قېتىم سوتلانغىنىمدا، ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار چىقمىدى، ئەكسىچە ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. خۇدا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغاي.


يات بولدۇم تۇغقانلىرىمغا، ياققا يۇرتلۇق ئاتالدىم قېرىنداشلىرىمغا.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ: - سەن ئىنسانئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ - دەپ سورىدى.


ئاندىن داۋۇت ئابىشاي ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە يەنە: _ قاراڭلار، ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئوغلۇم جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتقان يەردە، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بۇ ئادەم نېمە قىلمايدۇ؟ مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار، قارغاۋەرسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغاندۇر!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite