Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 26:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 شۈكۈر ئېيتاي كۆتۈرۈپ ئاۋازىمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ بارلىق كارامەتلىرىڭنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 26:7
23 Referans Kwoze  

ئى خۇدا، چىن دىلىمدىن ئېيتىمەن تەشەككۈرۈمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ پۈتكۈل كارامەتلىرىڭنى.


تەپەككۇر قىلىمەن شان-شۆھرىتىڭ ھەققىدە، چوڭقۇر ئويلايمەن مۆجىزىلىرىڭ ئۈستىدە.


مۇقەددەس جاي تەرەپكە قاراپ، دۇئاغا كۆتۈرۈلسۇن قوللىرىڭلار، پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار!


تەلىمىڭنى چۈشىنىشكە قادىر قىل مېنى، شۇندا خىيال قىلالايمەن كارامەت ئىشلىرىڭنى.


پەرۋەردىگار _ ياراتقۇچىدۇر، بىردىنبىر يېگانىدۇر. ئۇ چاچار نۇرىنى ئۈستىمىزگە. قۇربانلىقنى باغلاڭلار تانىلار بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرىگە.


ھەققانىيلار كىرىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىڭلار ماڭا، مەن كىرىپ، شۈكۈر ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا.


خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە، مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.


ھۇزۇرىغا خۇدانىڭ شۈكۈر ئېيتىپ كىرەيلى، تەنتەنە بىلەن ئۇنىڭغا ناۋا قىلىپ مەدھىيەلەر ئېيتايلى.


تەرىپلەنگەي ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار، بارچە مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ئىگىسى پەقەت ئۇدۇر.


بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا، سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا. نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا.


مەن پەرۋەردىگاردىن پەرزەنت تىلەپ دۇئا قىلغانىدىم، پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، ماڭا بۇ بالىنى ئاتا قىلدى.


بالا ئەمچەكتىن چىققاندىن كېيىن، ھاننا ئۇنى شىلوغا ئېلىپ باردى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە ئۈچ ياشلىق بىر بۇقا، يېرىم خالتا ئۇن، بىر تۇلۇم شاراب ئالغاچ باردى. ھاننا سامۇئىلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئېلىپ كىردى. بالا تېخى كىچىك ئىدى.


تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا، ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلقلەر ئارا.


سەندىن ئالدىم خۇشاللىق، شادلىقىمنى، ئى ئۇلۇغ خۇدا، كۈيلەيمەن نامىڭنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite