6 ئى پەرۋەردىگار، پاك قەلبتە يۇيارمەن قوللىرىمنى، ئايلىنارمەن ئاندىن سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭنى.
قەلبىمنى پاك تۇتقىنىم بىھۇدىمۇ؟ گۇناھسىز ياشاش ھاياتتا بىكارمىدۇ؟
بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىزنى قۇتقۇزدى.
شۇڭا، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئېتىقادچى ئەرلەر مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھەر قېتىم دۇئاغا جەم بولغاندا باشقىلارغا غەزەپلەنمەي، دەتالاش قىلماي، توغرا ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن.
قۇربانلىق سۇپاڭغا بارىمەن شۇندا، بىردىنبىر شادلىقىم بولغان خۇدا ئالدىغا. چېلىپ لىرا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، مېنىڭ ئىلاھىم بولغان ئى خۇدا.
ئىبادەت قىلالار قولى پاك، قەلبى ساپ بولغان، ساختىغا كۆڭۈل بەرمىگەن، يالغاندىن قەسەم ئىچمىگەن ئىنسان.
ئاشۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى جىلغىدا بوينى سۇندۇرۇلغان ياش ئىنەكنىڭ ئۈستىدە قولىنى يۇيسۇن.
سىمۇن پېترۇس: - ئى رەببىم، ئۇنداقتا پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسىز! - دېدى.