3 ئايان بولغاچ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ كۆز ئالدىمدا، مېڭىپ كەلدىم سەن كۆرسەتكەن ھەقىقەت يولۇڭدا.
شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.
«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا چىن دىلىم بىلەن سادىق خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ياخشى بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.
بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسەت، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى.
بىزلەردىكى چۈمپەردىلەر ئېلىۋېتىلگەچكە، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز رەببىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، بارا-بارا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىمىز. بۇ رەببىمىزدىن، يەنى مۇقەددەس روھتىندۇر.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.
ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.
ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.
ياقۇپ ئەۋلادلىرى كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى.
مەڭگۈلۈكتۇر ئادالىتىڭ، ھەقىقەتتۇر تەلىملىرىڭ.
يولۇم توغرا بولسىمۇ ئېھتىيات قىلىپ ماڭىمەن، پەرۋەردىگار قاچانمۇ ياردەمگە كېلەرسەن؟
پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئەگىشىپ ساڭا ھەق يولدا ياشاي. قاراتقىن ئۆزۈڭگىلا بۇ قەلبىمنى، چىن دىلىمدىن ساڭا ئىخلاس قىلاي.
نېچۈن ماختىنىسەن رەزىللىكىڭدىن ئەي نوچى؟ مەڭگۈلۈكتۇر خۇدانىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى.
تەلىم بەر ماڭا، ھەقىقىتىڭ باشلىسۇن مېنى، چۈنكى سەن قۇتقۇزغۇچى ئىلاھىمسەن، كۈنبويى ساڭا ئۈمىد باغلىغانمەن.
قەدىرلىك دوستۇم، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئال. ياخشىلىق قىلغان كىشى خۇداغا مەنسۇپتۇر. يامانلىق قىلغان كىشى خۇدانى تونۇپ يەتمىگەندۇر.