3 پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغىغا كىممۇ چىقالار؟ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا كىممۇ ئىبادەت قىلالار؟
ئى پەرۋەردىگار، كىم كىرەلەر مۇقەددەس چېدىرىڭغا، كىم ساڭا ئىبادەت قىلالار مۇقەددەس سىئون تېغىڭدا؟
شۇنىڭ ئۈچۈن، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىش بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلايلى.
نەقەدەر بەختلىكتۇر سەن ئۆزۈڭگە يېقىن قىلىپ تاللىغان كىشىلەر، ياشار ئۇلار مۇقەددەس ھويلىلىرىڭدا، بولىمىز مەمنۇن ئۆيۈڭنىڭ بەرىكىتىدىن، ئىبادەتخاناڭنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!
دەيدۇ ئۇ: «ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا _ تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى سىئوندا.»
رەببىمىز سەن يۇقىرىغا چىققىنىڭدا، ئېلىپ كېتىسەن نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى. سېلىق قوبۇل قىلىسەن ئىنسانلاردىن، ھەتتا ساڭا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلاردىن، ئىگەم خۇدا ئورۇن ئالىسەن سىئوندىن.
شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.
داۋۇت ئۆزىگە داۋۇت شەھىرىدە سارايلارنى سالدۇردى. كېيىن يەنە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن ئورۇن تەييارلاپ، چېدىر تىكتۈردى.
- ماڭا ئېسىلماڭ! چۈنكى، مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا ئېيتىڭ: «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلار بولغان ئاتامنىڭ، يەنى خۇدايىڭلار بولغان خۇدايىمنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقىمەن!» - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
سىمۇن پېترۇس ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئى رەببىم، قەيەرگە بارىسىز؟ - دەپ سورىدى. - مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن بارىسەن، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، مېنىڭ ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملەر ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قانداق كىشىلەرنىڭ كىرسە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىل.
مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا يەنە مۇنداق دەيمەنكى، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشايدىغان خەتنە قىلىنمىغان تەكەببۇر يات خەلقلەر مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرمىسۇن.