Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 24:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات، يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 24:1
18 Referans Kwoze  

ئاسمان، زېمىن _ پۈتۈن جاھان سېنىڭكىدۇر، ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە پەقەت سېنىڭ ئىجادىڭدۇر.


چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە رەببىمىزگە تەئەللۇقتۇر.»


ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر! ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر، سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!


كىم مەندىن تۆلەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلالمايدۇ؟ ئالەمدىكى پۈتكۈل نەرسە مېنىڭكىدۇر.


قاراڭلار، ئاسمان-زېمىن، ھەتتا ئەرشئەلادىكى بارلىق مەۋجۇدات پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مەنسۇپتۇر.


مۇسا ئۇنىڭغا: _ مەن بۇ شەھەردىن چىقىشىم بىلەنلا، قولۇمنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىمەن، گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر شۇ ھامان توختايدۇ. شۇ چاغدا سىز دۇنيانىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.


ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە ئەمەل قىلساڭلار، نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ئارىسىدىن سىلەرنى ئۆزۈمگە مەنسۇپ قىممەتلىك خەلق قىلىمەن. چۈنكى پۈتۈن دۇنيا ماڭا تەۋەدۇر.


ئۇ كەلگەندە تاغلار تەۋرەيدۇ، ئېدىرلار ئېرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا يەر-زېمىن ۋە پۈتكۈل ئىنسانلار تىترەپ تۇرىدۇ.


سورىماسمەن سەندىن قورسىقىم ئاچسا ناۋادا، چۈنكى بۇ دۇنيا، ئۇنىڭدىكى مەئىشەتلەر تەۋەدۇر ماڭا.


«سىلى ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىدىلا ۋە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايدىلا. سىلى كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيدىلا، شەبنەملەردە ھۆل بولىدىلا. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سىلى دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ پەقەت ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدىلا.


جۇشقۇنلىسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار، قىلسۇن قىزغىن تەنتەنە زېمىن يەنە جانلىقلار.


ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىز سېنىڭ مۇقەددەس نام-شەرىپىڭگە ئاتاپ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىغا تەييارلىغان بۇ بايلىقلارمۇ سەندىن كەلگەن، ھەممىسى ساڭا مەنسۇپتۇر.


پادىشاھ ئامازيا پەيغەمبەردىن: _ ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىگە تۆلىگەن 3.5 توننا كۈمۈشنى قانداق قىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار سىلىگە تېخىمۇ كۆپ كۈمۈش ئاتا قىلىشقا قادىردۇر.


بىركىم ئۇنى يەر-زېمىننى باشقۇرۇشقا، بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئەۋەتكەنمىدى؟


ئۇ سەندىن توختىماي رەھىم تىلەپ، ساڭا ئىللىق سۆزلەرنى قىلامدۇ؟


چۈنكى، مېنىڭكىدۇر ئورمانلاردىكى بارلىق ھايۋانلار، مىڭلىغان يايلاقلاردىكى مال-ۋارانلار.


ياراتقانسەن شىمال، جەنۇب ۋە ئۇلاردىكى ھەممىنى، شادلىقتا نامىڭنى كۈيلەر تابور، خەرمون چوققىلىرى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار! سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن، سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite