3 ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا، شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا.
مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان، ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار! مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.
بەرھەق، قورام تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن مېنىڭ، يېتەكلە مېنى ئۆزۈڭ، ھۆرمىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ.
مۇكەممەلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى، يېڭىلار ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى، ئىشەنچلىكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ پەرزلىرى، دانا قىلار نادانلارنى.
بىر پاك يۈرەك ئاتا قىلغىن ماڭا رەببىم، ئىخلاسمەن قەلبنى قايتا قىلىپ تەقدىم.
ئى پەرۋەردىگار، باشلىغىن مېنى ھەققانىيلىقىڭدا، چۈنكى پايلاپ يۈرەر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا. روشەن قىلغىن ئۆز يولۇڭنى ئالدىمدا.
ھېس قىلدۇرغايسەن يېڭىباشتىن نىجاتلىقنىڭ شادلىقىنى، ئاتا قىلغايسەن ماڭا بىر ئىتائەتمەن قەلبنى.
ئۇ ئىنسانلارنى گۆر ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ، ھاياتىنى پارلاق نۇرغا چۆمدۈرمەكتە.
مەن ھەققانىيەت يولىدا ماڭىمەن، ئادالەت يولىدا ئىلگىرىلەيمەن.
مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزغىن بولۇپ، گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل.
ئى نىجاتكارىمىز پەرۋەردىگار، شۆھرىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ، بولغىن بىزگە مەدەتكار. كەچۈرگەيسەن گۇناھىمىزنى، نامىڭ ئۈچۈن قۇتقۇزغىن بىزنى.
ھەققانىيلىق، ئەلچىسى بولۇپ خۇدانىڭ، كېلەر ئالدىدا يول ھازىرلاپ پەرۋەردىگارنىڭ.
مەن ساڭا كۆرسەتتىم دانالىقنىڭ يولىنى، يېتەكلىدىم توغرا يولدا مېڭىشنى.
ئاداشتىم قوي كەبى يولۇمدىن، ئىزدە قۇلۇڭنى، چۈنكى مەن ئۇنتۇماسمەن ئەمرلىرىڭنى.
لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ.
مەن ئۇلارنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن، دۇنيانىڭ يىراق جايلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر يەرگە جەم قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قارىغۇ، ئاقساقلار، ھامىلىدار ۋە ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئاياللارمۇ بولىدۇ. ناھايىتى كۆپ ئادەملەر بۇ يەرگە قايتىدۇ.
شۇڭا، ئۇنىڭ چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتىگە مەدھىيىلەر ئوقۇيمىز. بىز خۇدانىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بۇنداق غايەت زور مېھىر-شەپقەتنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلدى.
مەدھىيەلەيلى بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈكلۈكىنى، ئۇلۇغلايلى ھەممىمىز ئۇنىڭ نامىنى.
دۈشمەنلەرنىڭ تۇزاقلىرىدىن ساقلىغايسەن، چۈنكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن.
ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى.
ئى رەببىم پەرۋەردىگار، نامىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ياردەم قىل ماڭا، قۇتقۇز مېنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ئەلا.
چۈنكى مەن چارچىغانلارغا ئاراملىق، ئاجىزلارغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىمەن.»