2 يايلىتار ئۇ مېنى ياپيېشىل يايلاقلاردا، باشلاپ بارار شىلدىرلىغان سۇلار بويىغا.
چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، - دېدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە ماڭا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىد ىن باشلانغان، خرۇستالدەك سۈزۈك ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى.
باردۇر ئېقىنلىرى شادلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر دەريا، خۇدانىڭ شەھىرى _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماكانىغا.
ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن.
مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.
پەرۋەردىگار ئېتىزىڭلارغا تېرىلغان ئۇرۇقلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. زېمىنىڭلار مول ھوسۇل بېرىپ، باياشاتچىلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ مال-چارۋىلىرىڭلار كەڭ يايلاقلاردا ئوتلايدۇ.
ئەگەر خۇدا سۈكۈتتە تۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى تەنقىد قىلالايدۇ؟ ئەگەر ئۇ دىدارىنى يوشۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى كۆرەلەيدۇ؟ لېكىن ئۇ مەيلى بىر ئادەم، مەيلى بىر خەلق بولسۇن، ئۇ ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،
_ بۇ خەلق تىنچ ئاقىدىغان شىلوخ ئۆستىڭىدىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھ رىزىن ۋە پادىشاھ پېكاھتىن خۇش بولدى.
ئاندىن كېيىن ئۇلار ئېلىم دېگەن يەرگە يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق، يەتمىش تۈپ خورما دەرىخى بار ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇلاق بويىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى.