Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 22:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلار مېنى. دېيىشەر پۈرۈشتۈرۈپ ئېغىزلىرىنى، چايقىشىپ باشلىرىنى:

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 22:7
22 Referans Kwoze  

ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ: - قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟


دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بولدۇم رەسۋا، بېشىنى چايقار ئۇلار ماڭا قاراشقاندا.


ھىرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ مەسخىرە قىلىشتى. ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پادىشاھلارچە ھەشەمەتلىك تون كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇردى.


ئۇنى مانا شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، سۆسۈن توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.


تىكەن شاخلىرىنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن، ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى.


يات ئەللەر ئارىسىدا مازاققا قالدۇردۇڭ بىزنى، مەسخىرە قىلىدۇ ئۇلار چايقىشىپ باشلىرىنى.


بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پۇلغا ئامراق پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى.


ئۇلارغا: - چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ، - دېدى. بىراق، خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى.


خوش، سىلەر كىملەرنىڭ ئۈستىدىن كۈلىۋاتىسىلەر؟ كىملەرگە قارشى ئېغىز ئېچىۋاتىسىلەر؟ كىملەرگە قاراپ تىلىڭلارنى چىقىرىۋاتىسىلەر؟ سىلەر ئاسىينىڭ بالىلىرى ئەمەسمۇ، يالغانچىنىڭ ئۇرۇقىدىن بولغان ئەمەسمۇ؟


ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جەبىر-جاپانى يەتكۈچە تارتتى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى، ئۇنى بىزمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنىدۇق.


ھەققانىيلارغا كىبىر كۆرسىتىپ، مازاق قىلغۇچىلارنىڭ، چاپلىشىپ قالغاي يالغان سۆزلىگەن لەۋلىرى ئۇلارنىڭ.


كىشىلەر مېنى مەسخىرە قىلماقتا، يۈزۈمگە شاپىلاق ئۇرۇپ كەمسىتمەكتە، بىرلىشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا.


ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە بۇنداق سۆزلەرنى قىلالايتتىم، بېشىمنى چايقاپ، سىلەرنى ئەيىبلىيەلەيتتىم.


مەن خۇدادىن ئۆتۈنۈپ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ، دوستلىرىمنىڭ كۈلكىسىگە قالدىم. مەندەك ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدى.


ئەللەر تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ رەت قىلىنغان، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنى كۆرۈپ شاھلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، ساڭا تەزىم قىلىدۇ. چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite