Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 22:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 لېكىن سەن شۈبھىسىزكى، مۇقەددەستۇرسەن، ئىسرائىللارنىڭ مەدھىيەسىنى تەخت قىلىپ ئولتۇرغۇچىسەن.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 22:3
11 Referans Kwoze  

قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا شۈكۈر ئېيتقانلار مېنى ئۇلۇغلار، شۇنداق قىلىپ نىجاتلىقىمغا ئېرىشمەك ئۈچۈن يول ھازىرلار.»


مەدھىيە پەقەت پەرۋەردىگارغا خاستۇر، ئۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇر. ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ ۋە ئاجايىپ ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار.


ئۇلار بىر-بىرىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار! پۈتكۈل يەر-زېمىن تولغاندۇر ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.


تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قانات ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، ئەزەلدىن بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!»


پەرۋەردىگارىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار، مۇقەددەس سىئون تېغىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار، چۈنكى مۇقەددەستۇر پەرۋەردىگارىمىز!


ھەمدۇسانا ئوقۇماق بولۇپ ساڭا ئى خۇدا، كىشىلەر كۈتمەكتە سېنى سىئوندا. ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرار ئۇلار شۇ جايدا.


پەرۋەردىگار ھەممە ئىشتا ئادىلدۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.


‹ئۇۋال بولدى› دەپ قاقشىساممۇ ھېچكىم ماڭا قۇلاق سالمىدى، ‹قۇتقۇزۇڭلار› دەپ ۋارقىرساممۇ ھېچكىم ماڭا ئادالىتىنى كۆرسەتمىدى.


ئى خۇدا، نالە قىلسام جاۋاب بەرمىدىڭ، ئالدىڭدا تۇرسام قاراپ قويمىدىڭ.


قوبۇل قىلغىن دۇئايىمنى، ئاڭلىغىن نىدايىمنى.


ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە نالە قىلسام، قۇلاق سالارسەن؟ «زوراۋانلىق بولۇۋاتىدۇ!» دەپ چاقىرساممۇ، قۇتقۇزمامسەن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite