25 مەدھىيەلىرىمنىڭ ئىلھامىدۇرسەن بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا ئى خۇدا، ئادا قىلاي قەسەملىرىمنى ساڭا ئىخلاسمەنلەرنىڭ ئالدىدا.
تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا جامائەت ئالدىدا، مەدھىيەلەيمەن سېنى تەقۋادارلار ئارىسىدا.
ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا! ھەق يولدىكى جامائەت ئارىسىدا، شۈكۈر ئېيتىمەن ئىخلاس بىلەن خۇداغا.
ئى خۇدا، ساڭا ۋەدە بەرگەنىدىم كۈلپەتتە قالغىنىمدا، قەسەم قىلغانىدىم يەلكەمنى ئېغىر كۈن باسقىنىدا. ئېلىپ كىرىپ ئىبادەتخاناڭغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، ئادا قىلىمەن دەپ، ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى.
تۇرمىسام بولماس ۋەدىلىرىمدە، ئى خۇدا، سۇنىمەن شۇڭا شۈكۈر قۇربانلىقلىرىمنى ساڭا.
جاكارلايمەن نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا، مەدھىيەلەيمەن سېنى ئېتىقادچىلىرىڭ ئارىسىدا.
ئەي خۇداغا ئىخلاسى بارلار، تىڭشاڭلار سۆزۈمنى، سۆزلەپ بېرەي خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.
ھەمدۇسانا ئوقۇماق بولۇپ ساڭا ئى خۇدا، كىشىلەر كۈتمەكتە سېنى سىئوندا. ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرار ئۇلار شۇ جايدا.