21 تارتىۋال مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن، تېنىمنى ياۋا بۇقىلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن.
لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.
ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ.
خۇدا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى، ئۇ خۇددى ياۋا بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر.
دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى.
سىلەر بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋاقىت كۆپ قالمىدى. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى - شەيتان كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مېنى بېسىپ چۈشكۈدەك قۇدرىتى ئەسلا يوقتۇر.
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەردىن تاش ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چالما-كېسەك قىلماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.
ياۋا كالىلار ئۇلار بىلەن بىللە قىرغىن قىلىنىدۇ، موزايلىرىمۇ بۇقىلار بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا بويىلىدۇ، تۇپرىقى گۆشلەرنىڭ يېغىغا تولۇپ كېتىدۇ.
يۈسۈپ تۇنجى تۇغۇلغان بۇقىدەك، ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزىدەك ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ يات ئەللەرنى مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسۈپ، تاكى زېمىننىڭ چېتىگىچە سۈرىدۇ. ئەفرايىمنىڭ تۈمەنلىگەن لەشكەرلىرى ۋە ماناسسەنىڭ مىڭلىغان جەڭچىلىرى ئۇنىڭ مۈڭگۈزىدۇر.»
مەن ھەر كۈنى سىلەر بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا بولغاندا، ماڭا قول سالمىدىڭلار. بىراق، ئەمدى قول سالىدىغان ۋاقىت-سائىتىڭلار يېتىپ كەلدى. بۇ شەيتان ھۆكۈم سۈرىدىغان قاراڭغۇ ۋاقىتتۇر، - دېدى.
ئى پەرۋەردىگار، قاراپ تۇرارسەن قاچانغىچە؟ قۇتقۇز مېنى ياۋۇزلارنىڭ زەربىسىدىن، ئەزىز جېنىمنى قانخور شىرنىڭ ئېغىزىدىن.