Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 22:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 قورشاۋغا ئالدى مېنى بىر توپ رەزىللەر، ئەتراپىمنى ئورىۋالدى ئاشۇ ئىتلار، پۇت-قوللىرىمنى تەشتى ئۇلار.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 22:16
27 Referans Kwoze  

لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىغاندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭغا: - بىز رەببىمىزنى كۆردۇق! - دېيىشتى. لېكىن توماس: - ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تەگكۈزۈپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، - دېدى.


لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىرى بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى. تونىنىڭ ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكنىمۇ ئېلىشتى. بۇ كۆڭلەك تىكىلمىگەن بولۇپ، ئۈستىدىن ئاستىغا بىر يۈرۈش توقۇلغانىدى.


ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئاستى ۋە ھەرقايسىسى ئۆزىگە چىققاننى ئېلىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىپ، كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.


بىراق، لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىسىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى.


ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىدى. ئىككى جىنايەتچىنىڭمۇ بىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنە بىرىنى سول تەرىپىگە مىخلىدى ۋە كرېستلەرنى تىكلەپ قويدى.


قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم خەتنە قىلىنىش كېرەك، دەپ يۈرىدىغان «تەن كەسكۈچىلەر»~دىن ھوشيار بولۇڭلار. بۇ يامانلىق قىلغۇچىلار ئىتتىن پەرقى يوق!


بىراق، كۆپچىلىك داۋاملىق چۇقان سېلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئېسىپ ئۆلتۈرسۇن دەپ، چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر غەلىبە قىلدى.


لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز سەۋەبىدىن ئېزىلدى. ئۇنىڭ جازالىنىشى بىلەن بىز تىنچلىققا ئېرىشتۇق، ئۇنىڭ يارىلانغان تېنى بەدىلىگە بىز شىپالىق تاپتۇق.


قىلىچتىن قۇتقۇز مېنىڭ جېنىمنى، ئىتلارنىڭ چاڭگىلىدىن قىممەتلىك ھاياتىمنى.


ئاھ خۇدايىم، خۇدايىم تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟ قۇتقۇزماستىن، نېچۈن يىراق تاشلاپ كەتتىڭ مېنى؟ ئاڭلىمايسەن نېچۈن مېنىڭ نالە-پەريادىمنى.


ئاندىن، توماسقا: - بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تەگكۈزۈپ باق. گۇمان قىلماي، ماڭا ئىشەن! - دېدى.


ھەر ئاخشىمى كېلەر ئۇلار، لالما ئىتتەك شەھەردە ھاۋشىپ يۈرەر،


پەسكەشلەر، سېھىرگەرلەر، زىناخورلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلار ۋە يالغانچىلىق قىلىشقا خۇشتارلارنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.


ئى خۇدا، ماڭا قارشى تۇرىدۇ مەنمەنچىلەر، جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئىزدەر مېنى ۋەھشىيلەر. كۆزگە ئىلىپ قويماس سېنى قىلچە ئۇلار.


ھەزرىتى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش روھانىي قاياپانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن خەلق ئاقساقاللىرىمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى.


- ئىتقا مۇقەددەس نەرسىنى بەرمەڭلار ياكى توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاشلاپ قويماڭلار. چۈنكى، ئىت كەينىگە بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ؛ توڭگۇز ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ يانجىيدۇ.


ئەمەلىيەتتە، ھەتتا ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە ئائىلەڭدىكىلەرمۇ ساڭا خىيانەت قىلىدۇ، ئۇلار ھەتتا سۇيىقەست ئويلاپ سېنى يوقاتماقچى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ساڭا يېقىنچىلىق بىلەن گەپ قىلسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمىگىن.


ھەر ئاخشىمى كېلەر ئۇلار، لالما ئىتتەك شەھەردە ھاۋشىپ يۈرەر.


يار-بۇرادەر، تۇغقانلىرىم كېسىلىم سەۋەبىدىن، يىراق قاچتى ئۆزلىرىنى ئېلىپ مەندىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite