Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 22:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 كەتمىگىن تاشلاپ مېنى يىراققا، كەلمەكتە كۈلپەتلەر قىستاپ مېنى، ياردەم قىلماس ھېچكىم ماڭا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 22:11
18 Referans Kwoze  

مەندىن يىراق كەتمىگىن ئى خۇدا، ياردەمگە تېزراق كەلگىن يېنىمغا.


ئۇ قۇتقۇزار نالە قىلغانلارنى، باشپاناھسىز ئاجىزلارنى، مەدەتكارى يوق يوقسۇللارنى.


ئى پەرۋەردىگار، نېچۈن مەندىن قېچىپ تۇرىسەن يىراقتا، نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا؟


ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى خۇداغا يەتكەنىدى.


مانا، شۇنداق ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ئۆز يوللىرىڭلارغا كېتىسىلەر. بىراق، مەن يالغۇز قالمايمەن، چۈنكى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر.


ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي مېنى تاشلىما، ئى ئىلاھىم، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا.


ئى ئىگەم، كۆردۈڭ ئۇلارنى، سۈكۈت قىلمىغىن، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشمىغىن.


قارىسام، ھېچكىم ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى، بەكلا ھەيران بولدۇم، چۈنكى ھېچكىم ئۇلارنى يۆلىمىدى. شۇڭا ئۆز بىلىكىم بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدۇم، قەھرىم ماڭا مەدەت بولدى.


ئى پەرۋەردىگار، يېقىنلاشقىن ماڭا، خالاس قىلىپ دۈشمەنلىرىمدىن، قۇتقۇزغۇچى بولغىن جېنىمغا.


چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قېرى-ياش دېمەي، ئەرزىيەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى. ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ھالىدىن كەتكەندە، قۇللارمۇ، ھۆر ئادەملەرمۇ نابۇت بولغاندا، پەرۋەردىگار خىزمەتكارلىرىغا رەھىم قىلىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.


ئەمما، بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى. بۇ چاغدا، شاگىرتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى.


پېترۇس قەسەم قىلىپ: - ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن. بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرسۇن! - دېدى. دەل شۇ چاغدا، خوراز چىللىدى.


پېترۇس قەسەم قىلىپ: - مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن، - دەپ يەنە ئىنكار قىلدى.


ھامىلە ۋاقتىمدىن باشلاپ ساڭا تاياندىم، ئانامنىڭ قورسىقىدىن سەن ئۆزۈڭ چىقاردىڭ، شۇندىن بۇيان مەدھىيەمنى ساڭا ئاتاپ كەلدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite