8 ئەسىر ئېلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى، ئوڭ قولۇڭدا تۇتارسەن ساڭا ئۆچ بولغانلارنى.
مېنىڭ قۇدرىتىم، بۇتلار قاپلاپ كەتكەن پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى، ئۇلارنىڭ ئويما بۇتلىرى يېرۇسالېم بىلەن سامارىيەنىڭ بۇتلىرىدىن ئۇلۇغ ئىدى.
چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار تىز پۈكەر ئۇنىڭغا، رەقىبلىرى مەغلۇپ بولار مىلىنىپ توپا-چاڭغا.
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەرقايسى خەلقلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇراتتى. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ مىجىغاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ھالاك قىلاتتى.
ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرگۈچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەك.
مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!»
بىراق، يۇرتىدىكىلەر بۇ ئاقسۆڭەككە ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئادەم ئەۋەتىپ: «بۇ ئادەمنىڭ بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز» دەپتۇ.
كۈچ-مادارىم پەرۋەردىگار سۆيىمەن سېنى.
تۆمۈر كالتەك بىلەن ۋەيران قىلىسەن قارشىلاشقانلارنى، ساپال قاچىنى چاققاندەك پارە-پارە قىلىسەن ئۇلارنى.»
ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئامان ساقلىدى.
سائۇلنىڭ ئەتراپىدا جەڭ ئەۋجىگە چىقتى. شۇ پەيتتە سائۇل دۈشمەن ئوقياچىلىرى ئاتقان ئوقتا ئېغىر يارىلاندى.
بىرەرسى سىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەينىڭىزگە چۈشسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭىز خۇدا سىزنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلايدۇ. دۈشمەنلىرىڭىزنى خۇددى سالغىغا سېلىپ ئاتقان تاشتەك پىرقىرىتىپ ئېتىۋېتىدۇ.
پەرۋەردىگارنى تۇتارمەن ھەر دائىم يادىمدا، ئوڭ يېنىمدا بولغاچ ئۇ تەۋرەنمەسمەن پەقەتلا.
پەرۋەردىگار ئەنە شۇنداق جازالىسۇن شىكايەتتە بولغانلارنى، ئەدەپلىسۇن، يامان سۆزلەر بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.