5 زور شۆھرەتكە ئېرىشتۈردى سەن ئىنئام قىلغان غەلىبە، بەھەيۋەت شەرەپ قۇچتى ئۇ سېنىڭ ھىممىتىڭدە.
تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھ ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرماقتا. پەرىشتىلەر، ئەرشتىكى ھوقۇقدارلار ۋە باشقا بارلىق كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا تىز پۈكمەكتە.
ئېيتقانلىرىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدىغان بىر باش روھانىيىمىز بار.
بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن دەپ، سەن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم.
ئى ئاتا، سېنىڭ يېنىڭغا قايتقىنىمدا، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن بىز بەھرىمەن بولغان ئۇلۇغلۇقتىن مېنى قايتا بەھرىمەن قىلغايسەن.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئاتا، مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم يېتىپ كەلدى. سەن ئوغلۇڭنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ ئۇلۇغلۇقۇڭنى ئايان قىلسۇن.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: - ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.
ئىدومدىكى بوزرادىن كېلىۋاتقان، قىزىل بويالغان تون كىيگەن، گۈزەل ياسانغان، چەكسىز قۇدرەتلىك، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىم؟ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن غەلىبەمنى جاكارلايمەن، مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قادىرمەن.»
پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە: «ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا، مەن دەسسەتكۈچە دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا.»
ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى، قۇدرەت ۋە گۈزەللىككە تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى.
نىجاتلىقىم، شان-شۆھرىتىم خۇدادىن كېلۇر، خۇدا مېنىڭ باشپاناھىم، قورام تېشىمدۇر.
پەرىشتىلەردىن ئازراقلا تۆۋەن قىلدىڭ ئورنىنى، كىيدۈردۈڭ سەن ئۇنىڭغا شان-شۆھرەتنىڭ تاجىنى.
ئەمما، ئى پەرۋەردىگار قالقىنىمدۇرسەن، شان-شۆھرىتىم، قەددىمنى كۆتۈرگۈچىسەن.
مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ داۋاملىشىشى ئۈچۈن سەن رازىمەنلىك بىلەن بەخت ئاتا قىلدىڭ. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئاتا قىلغان بەختىڭ بىلەن قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئىگەم پەرۋەردىگار مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن باشقا ئىنسانلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟
ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئىجرا قىلساڭ، مەن ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
ئى خۇدا، ئۇ مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرسۇن كۆز ئالدىڭدا، قوغدىغاي ئۇنى مۇھەببىتىڭ ۋە ساداقىتىڭ دائىما.
مول شەبنەمگە ئوخشار ئىناقلىق، خەرمون تېغىدىكى شەبنەملەر چۈشكەن كەبى سىئونغا، بەرھەق، بەختنى _ مەڭگۈلۈك ھاياتنى، ئاتا قىلغانىدى پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا.