13 ئى پەرۋەردىگار كۆرسەتكەيسەن قۇدرىتىڭنى، ناخشا ئېيتىپ مەدھىيەلەيلى غەلىبىلىرىڭنى.
پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولغاي. ئىرادەڭ ئەرشتىكىدەك يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي.
ھېچكىم تەڭ بولالماس ئىگىمىز پەرۋەردىگارغا، كىممۇ ئوخشار ئۇ ساماۋى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئاسمان-زېمىنغا يۇقىرىدىن نەزەر سالغۇچىغا؟
ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقىڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە، شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.
«ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، شۈكۈرلەر بولسۇن ساڭا. چۈنكى، ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن، ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ.
بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن. بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »
دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»
ھاياتتۇر پەرۋەردىگار! ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا، ئۇلۇغلانسۇن نىجاتكارىم بولغان خۇدا!
ئەگەر كۈچ ھەققىدە گەپ بولسا، ئۇ ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكتۇر، ئەگەر ئادىللىق ھەققىدە گەپ بولسا، كىممۇ ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر! ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر، سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!
«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»